بېكىتىمدە كىتاب سىتىلمايدۇ،پەقەت ئۆزەم ئوقۇپ پايدىلىنىپ باققان ياخشى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرى تەمىنلىنىدۇ.

黑客与画家:硅谷创业之父Paul Graham文集 Hackers and Painters Big Ldeas From the Computer Age

《黑客与画家:硅谷创业之父Paul Graham文集》 ناملىق بۇ كىتاب سىلتىسىي جىلغىسىدىكى "يېڭىلىق يارىتىش ئاتىسى " دەپ نام ئالغان paul graham ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى بولۇپ ، ئاپتور بۇ كىتابىدا ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى ئىش پائالىيەتلىرى ، كومپىيوتېر بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ كومپىيوتېر مۇتەخەسسى بولۇشقىچە ، كىيىن يېڭىلىق يارىتىش يولىغا قەدەم قويۇش جەرياننى ،خاككىرلارنىڭ پەيدا بولۇش،تەرەققىي قىلىش تارىخى، كومپىيوتېر پىروگرامما تېلى ۋە خاككىرلەرنىڭ جەمىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يازغان بولۇپ ، تىلى ئىنتايىن ئاددى چۈشىنىشلىك . ئاپتورمۇ كىتابىدا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ بۇ كىتاب ئارقىلىق كومپىيوتېر ساھاسىنى چۈشىنىسىگە ياردەم بىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى يازغان ، ھەر بىر كومپىيوتېر خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى تەۋسىيە قىلىنغان كىتاب بولغاچقا مەنمۇ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئىلىش پۇرسىتىدە مۇنۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىپتىمەن . ئويلاپ باقسام بىرەر كىتابنى  تۈگىتىپ ئوقۇپ باقمىغىلى خىلى يىللار بوپتۇ . تورداشلارغىمۇ مەزكۇر كىتابنى ئوقۇپ بىقىشىڭلارنى ، ھىچ بولمىسا ساقلاپ قويۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .