Vuejs تە vee-validate ئارقىلىق كىرگۈزۈش رامكىسى تەھقىقلەش


كىرگۈزۈش رامكىسى تەھقىقلەش كۈندىلىك پىروگرامما ئىچىشتا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسلە . ئۇنداقتا Vuejs تە قانداق قىلىشنى كۆرۈپ باقايلى .

Vuejs تە  كىرگۈزۈش رامكىسى تەھقىقلەش ئۈچۈن كۆپلىگەن قىستۇرمىلار بار بولۇپ ، ئورگان تەرەپ تەۋسىيە قىلغان vee-validate قىستۇرمىسى بىر قەدەر كەڭ قوللىنىدۇ .


vee-validate نى قاچىلاش 

npm ۋە ياكى yarn ئارقىلىق بىۋاستە قاچىلىساق بولىدۇ .

npm install vee-validate --save


ئىشلىتىش 

vee-validate نى Vue.use ئارقىلىق يۈكلەش زۆرۈردۇر . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .

import Vue from 'vue'
import VeeValidate from 'vee-validate'

Vue.use(VeeValidate)


تەھقىقلەش 

تەھقىقلەشمۇ ئىنتايىن قولاي . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .

<input v-validate="'required|email'" type="text" name="email">


ياكى تۆۋەندىكىدەك 

<input 
type="text" 
name="email" 
v-validate.initial="'required|email'" 
:class="{'form-control': true, 'is-danger': errors.has('email') }" 
placeholder="Email" />

يۇقارقى كودتا :class ئارقىلىق css تۈرى باغلاپ خاتالىق ئۇچۇرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ .


خاتالىق ئۇچۇرىغا ئېرىشىش 

خاتالىق ئۇچۇرىغا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا ئېرىشىشكە بولىدۇ .

<div 
v-show="errors.has('email')"
 class="help is-danger">
{{ errors.first('email') }}
</div>


vee-validate كە ئالاقىدار تېخىمۇ تەپسىلىي ئىزاھاتلار بۇ يەردە .

https://github.com/baianat/vee-validate

http://vee-validate.logaretm.com



سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش