Markdown بىلەن تونۇش ۋە ئىشلىتىش


Markdown دىگەن نىمە ؟

 Markdown بولسا ئىنتايىن يىنىك ۋە قولاي بىرخىل ھەرپ-بەلگە يېزىقى 「标记语言」 بولۇپ ، پىروگراممېرلار كۆپرەك ئىشلىتىمىز . Markdown ئۆزىنىڭ يېزىلىش ئاددىيلىقى ۋە ئىپادىلەشكە قولايلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بارغانسىرى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ ۋە ئاساسىي تەلەپكە ئايلىنىۋاتدۇ . ھازىر GitHub،StackOverFlow قاتارلىق چوڭ بېكەتلەردە ئېدىتور ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ . 


 نىمىگە ئىشلىتىمىز ؟

شۇ پىروگرامما ئارخىبى ، ئۆگىنىش خاتىرىسى، ئەلەي بەلەي تۆمۈر قەلەي ......  لەرنى يازغاندا ئىشلەتسەك بولىدۇ .(ئېدىتور ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دىمەكچىدە بۇ يەردە .)


مەركىزى نۇقتىسى 

يېزىش ئاسان ، ئوقۇش ئاسان ، ئىپادىلەش ئاسان

 Markdown تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى (گىرامماتىكا دەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ ئەسلى ، چۈنكى Markdown 

 تىلى پىروگرامما تېلى )نى ئىگەللەش ناھايتى ئاسان بولۇپ ، ئاساسلىق بىر قانچە ئىلمىنىتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقساقلا ئىھتىياجىمىزدىن تامامەن چىقىپ ئاشىدۇ .


 ئاساسلىق گىرامماتىكىسى

Markdown تىلى ئېلمىنىتلىرى چوڭ جەھەتتىن ئىككى خىل بولىدۇ ، يەنى block ئىلمىنىتلىرى ۋە inline دىن ئىبارەت . بۇ html دىكى ئېلمىنىتلارغا ئوخشاش بولۇپ ، قۇر ئىچى ئىلمىنىتلىرى ياكى بۆلەك ئىلمىنىتلىرى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .


block ئىلمىنىتلىرى

ماۋزۇ - 标题

نەقىل ئىلىش - 区块引用

تېزىملىك - 列表

كود بۆلىكى - 代码区块

سىزىق - 分隔线


قۇر ئىچى  ئېلمىنىتلىرى 

ئۇلىنىش - 链接

كۈچەيتىش - 强调

كود - 代码

رەسىم - 图片

جەدۋەل - 表格


باشقا ئېلمىنىتلار 

خەت نۇسخىسى توملىتىش ، يانتۇلىتىش ،ئۆچۈرۈش سىزىقى،


ئەمەلىي مىسال 


ماۋزۇ - 标题

Markdown دا ئادەتتە 1دىن 6 گىچە بولغان # بەلگىسىدە ئوخشاش بولمىغان ماۋزۇنى ئىپادىلەشكە بولىدۇ .


Markdown   دا > بەلگىسى ئارقىلىق نەقىل ئېلىش رايونى ھاسىللاشقا بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .

نەقىل ئىلش كۆپ قاتلاملىق نەقىل ئىلىشنىمۇ قوللايدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


تېزىملىك 列表

Markdown دا  '-' بەلگىسى ياكى * بەلگىسى  ئارقىلىق تەرتىپ نومۇرى يوق تېزىملىك ، ئەرەپ رەقىمى ئارقىلىق تەرتىپ نومۇرى بار تېزىملىك ھاسىللاشقا بولىدۇ .مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


01.png

كود بۆلىكى - 代码区块

Markdown دا كود بۆلىكى ھاسىللىغاندا ```` ``` بەلگىسى ئارقىلىق بىر قۇرلۇق ياكى كۆپ قۇرلۇق كود رايونى ھاسىللاشقا بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


02.png

سىزىق - 分隔线

Markdown دا ئۈچ تال سىزىق بەلگىسى ئارقىلىقلا گورزۇنتال سىزىق ھاسىللاشقا بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .

05.png




ئۇلىنىش - 链接

Markdown دا []() بەلگىسى ئارقىلىق ئۇلىنىش ھاسىللىنىدۇ ، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


06.png



رەسىم - 图片

Markdown دا ()[]! بەلگىسى ئارقىلىق رەسىم قىستۇرىمىز . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


07.png


جەدۋەل - 表格

Markdown دا جەدۋەل ھاسىللاش كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىدۇر . |---|---| ئارقىلىق جەدۋەل ھاسىللاشقا بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندە ئىككى ئىستونلۇق جەدۋەل ھاسىللاپ باقايلى .


08.png


يۇقارقىلاردىن باشقا Markdown دا  يەنە خەت توملىتىش ، يانتۇ قىلىش ، تاللاش رامكىسى ھاسىللاش قاتارلىق ئۈنۈملەرنىمۇ چىقارغىلى بولىدۇ .


09.png



Markdown توغۇرلۇق تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئىزدىنىش سىلەرگە قالدى ئەمسە . يىتەرسىزلىكلەر بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن .




سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش

  • TARQAT

    بەك بەلەن نەرسە بۇ! 排版 قىلىدىغان ئىشلارغا بەك قاملىشىدۇ

  • user_yeganaaa

    ئۇييۇ بولىدىغان نەرسىكەنغۇ بۇ پەچەتكەن ھى نىمانداق تايىنى يوق ئۇششاق چۈششەك بەلگىلەركىن دەپتىكەنمەن تىخى، بۇنىڭ بىلەن مۇرەككەپ html ئىلىمىنىتلىرىنىمۇ چىقارغىلى بولامدۇ؟ ياكى بۇ پەقەت ئاددىيلا كۆرسىتىش ئۈچۈنلا مۇ؟ بەك ياقتۇردۇم ما بىلوگنى

    Stilly

    Markdown شۇ كۆرسىتىش ۋە ئاسان يېزىشقا قولاي ھەرپ بەلگە تىلى . Markdown نى html غا ئايلادۇرغىلى بولىدۇ . چۈنكى Markdown نى تور كۆرگۈچلەر بىۋاستە ئىجرا قىلالمايدۇدە . ھازىر جىق تور بەتلەرنىڭ تەھرىرلىگۈچلىرى ھەممىسى Markdown قوللايدۇ ، لىكىن تور بەت يۈزىدە كۆرسەتكەندە html گە ئايلاندۇرۇپ ئاندىن كۆرسىتىشكە توغرا كىلىدۇ .