ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى قانداق تاۋلاندى؟


يېقىنقى نەچچە كۈندە ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقتىم ھەم دەسلەپكى قەدەمدە مەزكۇر بېكەتنىڭ كىچىك پىروگراممىسىنى يېزىپ ئىلان قىلغانمۇ بولدۇم . گەرچە كىچىك پىروگرامما رەسمىي ئېلان قىلىنغىلى 1 يىلدىن ئارتۇق بولغان بولسىمۇ مېنىڭ كىچىك پىروگرامما دولقۇنىغا كىرىشىم خىلى كىيىنگە سۈرۈلۈپ كەتتى . كىچىك پىروگرامما كۆپ جەھەتلەردىن كۆپ چەكلىمە ۋە يېتەرسىزلىكلەر بولسىمۇ لىكىن غايەت زور ئىشلەتكۈچى توپى ئارقا كۆرۈنۈشى بولغاچ يەنىلا "ئوت" ھالەتنى ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ .


ئەمدى ئۆزۈمنىڭ كىچىك پىروگرامما يېزىش جەريانىمدىكى مەسىلىلەر ۋە تەجىربىلىرىم ھەققىدە سۆزلەپ باقاي دىدىم . يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە بەلگىلىك پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قارايمەن . مەقسەت شۇ بىلىم ئورتاقلىشىشقۇ بۇ يەردە . يىتەرسىزلىكلەر بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن .


 ئارتۇقچىلىقىم 

مەن كىچىك پىروگراممىسى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن vue.js لەرنى بىر قاتار ئۆگىنىپ ھەم تۈر قىپ باققان بولغاچ ، كىچىك پىروگراممىنىڭ مۇندەرىجە تۈزۈلىشى ۋە 生命周期 لەرنى ئاسانلا چۈشىنىپ كىتەلىدىم .ھەم بۇ جەھەتلەردە كىچىك پىروگراممىنىڭ vue.js كە قارىغاندا بەكلام ئاددىيلىقىنى ھىس قىلدىم . كىچىك پىروگراممىنىڭ ئاساسلىق گىرامماتىكىسى es6 گىرامماتىكىسى بولغاچ بىراقلام تۈر يېزىش باسقۇچىغا ئۆتۈشۈمگە بەك ئۇزاق ۋاقىت كەتمىدى .


ئۆگىنىش ئۇسۇلۇم

1. مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە كىچىك پىروگراممىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى 配置 ۋە  生命周期 دىن ئىبارەت . كىچىك پىروگراممىنىڭ 生命周期 ناھايتى شۇ نەچچە خىللا بولۇپ ، ئىگەلللەش بەك تەس توختىمايدىكەن .بۇ ئىككى مەزمۇن كىچىك پىروگرامما ئورگان تەرەپ ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدا ناھايتى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن . مەنچە كىچك پىروگراممنى چۈشىنىش ياكى ئۆگىنىشكە ئورگان تەرەپ ئاچقۇچىلار قوللانمىسى ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولالايدىكەن دەپ قارىدىم .

2.  UI . كىچىك پىروگراممىنىڭ UI قىسمى ئاساسەن flex ئېلاستىكىلىق قۇرۇلمنى قوللىنىدىغان بولغاچ ، css نىڭ flex قۇرۇلمىسىدىن خەۋىرى بارلار ئاسانلا UI قىسمىنى تاماملاشقا بولىدىكەن . ھەم ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدىمۇ بۇ ھەقتە ئۈلگە مىسال بىرىلىپتۇ. كىچىك پىروگراممىنىڭ UI قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك 腾讯课堂 دا ھەقسىز دەرىسلىكلەرمۇ خىلى باركەن كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىگۈدەك .


نەتىجەم 

ئالاھەزەل بىر ھەپتىدىن جىقراق ۋاقىت ( ھەر ئاخشىمى ئىككى سائەت ) سەرپ قىلىپ مەزكۇر بكەتنىڭ كىچىك پىروگراممىسىنى ياسىغاچ كىچىك پىروگراممىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە قۇرۇلمىسى ، API لىرى بىلەن بىر قاتار تونۇشۇپ چىقىپتىمەن . ھەر ھالدا زاماننىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپراق ماڭدىم دىسەممۇ بولىدۇ .


قىنى ئەمسە تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ بەك داملاپ كەتكەن كىچىك پىروگراممامنى سىناق قىپ باققايسىلەر . يىتەرسىزلىكلەرنىڭ بولىشى تۇرغانلا گەپ. ئاۋۋال ماۋۇ نەشىرىنى ئىلان قىپ تۇردۇم . بارا بارا تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئىلىپ بىرىشقا توغرا كىلىدۇ . كىيىنچە بەلكىم بۇ پىروگراممىنىڭ كودنى ئوچۇق كودلۇق قىلىشىم مومكىن . كۆپرەك قوللاپ بېرىڭلا ھى .....


mini-program-code.jpg


سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش