ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسدا يەرلىكتە API تەڭشەش


ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسدا API ئېغىزى تەڭشىكىگە يېزىلىدىغان تور نامىغا بەلگىلىك چەكلىمە بولۇپ ، تور نامى چوقۇم HTTPS بولىشى ۋە ICP رويىخەت ئۇچۇرى تولۇق  بولىشى كىرەك . بۇ توغۇرلۇق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئورگان تەرەپ قوللانمىسدا بار . مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .


wx3.png


دىمەك يۇقارقى شەرتلەر ھازىرلانغاندا ئاندىن كىچىك پىروگرامما ئىچىشنى باشلىيالايمىز دىگەندەك ئەھۋالغا دۇچ كىلىمىز . بىزنىڭ يۇقارقىدەك شارائىتلىرىمىز بولمىسىمۇ يەرلىكتە API غا تەقلىد ئۇچۇر ھاسىللاپ ئىشلىتىپ سىناق قىلساقمۇ بولىۋىرىدۇ . ۋە ياكى 微信开发者工具 دە API ئېغىزىغا بولغان تەڭشەكنى ۋاقتىنچە بىكار قىلىپ تۇرۇپ ، يەرلىكتىكى API نى تەڭشەش مەقسىتىگە يېتىشكە بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


wx1.png


wx2.png


微信开发者工具 نىڭ تېزىملىك ئىستونىدىكى تەڭشەكتىن تۆۋەندىكىدەك ئورۇننى تىپىپ قىزىل كاتەكچىگە ئىلىنغان تۈرنى تاللاش ئارقىلىق ، يەرلىكتىكى تور نامى (  HTTPS ئەمەس تورنامى ) دىن ئۇچۇر ئىلىپ كىچىك پىروگرامما تەڭشەش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز . گەرچە بۇ كىچىك تەڭشەك بولسىمۇ يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر بىلمەي قىلىپ ئ‍ەگرى يوللارنى بىسىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن .



سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش

  • TARQAT

    ئالمىغا كۆچۋالدىڭلار دەيلى لولولولول

    Stilly

    زامانغا يىتىشىپ ماڭىلى دەپ ، ۋەت