ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تونۇتۇش


ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا خالىغان خەت نۇسخىسى ئىشلىتىش ئەمەلىيەتتە  ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىنغان مەسىلە بولۇپ ، بۇ تېمىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تونۇتۇش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن .ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا بىۋاستە @font-face خاسلىقىغا url قىممىتى بىرىشنى قوللىمايدىغان بولغاچ ، بىز خەت نۇسخىسى url سىنى base64 كودلاش ئارقىلىق خەت نۇسخىسى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.




قەدەم باسقۇچلار .

1.ئاۋۋال ئىشلەتمەكچى بولغان خەت نۇسخىسىنىڭ ttf فورماتىدىكى ھۆججىتىنى تەييار قىلىۋالىمىز .مەسىلەن مەن UKIJ Ekran.ttf ھۆججىتىنى تەييار قىلدىم .

2.http://transfonter.org تور بېكىتىگە كىرىپ، تەييار قىلىۋالغان خەت نۇسخىسىغا نىسبەتەن base64 كودلاش ئىلىپ بارىمىز.( تۆۋەندىكى رەسىمدىكى 1 رەقىمى بار كۇنۇپكىنى بېسىپ يەرلىكتىكى خەت نۇسخىسىنى يوللايمىز . 2 رەقىمى كۆرسەتكەن كۇنۇپكىنى بىسىپ كودلاش ئىلىپ بارىمىز. ئاندىن Download قىلىمىز.)



3.png



3.ئالدىنقى باسقۇچتا چۈشۈرگەن بولاقىنىڭ ئىچىدە stylesheet.cssناملىق ھۆججەت ئىچىدىكى كودنى  ئۆزىمىزنىڭ تۈر مۇندەرىجىسىدىكى wxss ھۆججىتى ئىچىگە قويساق بولىدۇ . ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەدىمسىكىدەك .


4.png


مەسىلە بولسا مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ .



سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش

  • قەقنۇس

    ئىزدەپ سوراپ تېپىپ كەلدىم ئېزىپ كەتمەي ... سالام دۇنيا ( قېنى ماۋۇ چىراي ئىپادىللىرى ؟ )

    Stilly

    بۇ بىلوگ كونىراپ قالدى ، يىقىندا رەتلەپ نەشىر كۆتەگەندە بوپ قالار ئۇ چىراي ئىپادىلىرى