Yarn ۋە NPM


Yarn بولسا Facebook , Google , Exponent ۋە Tilde لار ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرغا چىقارغان يېڭىچە js بولاق باشقۇرۇش قورالى بولۇپ npm نىڭ كەمچىلىكلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن . مەسىلەن npm نىڭ بولاق چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئاستا بولۇش ، بولاق نەشىرى بىردەك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر Yarn دا ھەل قىلىنغان .


Yarn نىڭ ئارتۇقچىلىقى

سۈرئەت تىز 

Yarn نىڭ سۈرئ‍ەت تېزلىكى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا روشەن ئ‍ىپادىلىنىدۇ .

1. ماسقەدەملىك قاچىلاش (并行安装): بۇنداق ئەھۋالدا مەيلى Yarnياكى npm بولسۇن ئوخشاشلا package.json غا ئاساسەن بولاق قاچىلاش ئىلىپ بارسىمۇ لىكىن npm ئادەتتە package لارنىڭ رەت تەرتىپىگە ئاساسەن قاچىلاش مەشخۇلاتى قىلىدۇ . يەنى مەسىلەن ئىيتساق 1-نومۇرلۇق package قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن 2-نومۇرلۇق package نى قاچىلاشنى باشلايدۇ . Yarn بولسا بارلىق package لەرنى تەڭ قاچىلايدىغان بولغاچ سۈرئەت ۋە ئۈنۈم npm گە سىلىشتۇرغاندا يۇقىرى بولىدۇ .

2. تورسىز ھالەت (离线模式) : بىر قېتىم قاچىلىنىپ بولغان package ئىككىنجى قېتىم يەنە قاچىلىش زۆرۈرىيىتىگە دۇچ كەلگەندە Yarn بىراقلام ئالدىنقى قېتىم ساقلانغان غەملىك (缓存) دىنلا ئوقۇپ ئالىدۇ . لىكىن npm يەنە يېڭىۋاشتىن چۈشۈرىدۇ .بۇ چاغدا Yarn نىڭ ئەزەللىكى روشەن ئىپادىلىنىدۇ .


بولاقچىلار نەشىرىنىڭ بىردەكلىكى 

 مەسىلەن npm دە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل نەشىر ئۇچۇرىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايدۇ .

"5.0.3"
"~5.0.3"
"^5.0.3"

 5.0.3 بولسا بولاقچىنىڭ نەشىر نومۇرى 5.0.3 بولغاننى قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ . (مۇتلەق قىممەت )

~5.0.3 بولسا 5.0.x نەشىر دائىرىدىسىكى ئەڭ يېڭى نەشىرنى قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ.

^5.0.3 بولسا 5.X.X نەشىر دائىرىسىدىكى ئەڭ يېڭى نەشىرنى قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقارقىدەك مەسىلىلەر ھەمكارلىشىپ تۈر ئاچقاندا دائىم باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچ ، Yarn ئۆزىدىكى قۇلۇپ ھۆجىجىتى (lock file) مىخانىزىمى ئارقىلىق بولاقچىلارنىڭ نەشىرىنىڭ مۇقىم بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان .


بۇيرۇق جۈملىسى تېخىمۇ ئاددىي ۋە ئاممىباب 

Yarn نىڭ بۇيرۇقلىرى ئېغىز تېلغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولۇپ ، ئ‍اددىي ، چۈشىنىشلىك . مەسىلەن yarn add/remove بۇيرۇقلار ئەسىلىدىكى install/uninstall لارغا قارىغاندا مەنىسى ۋە رولى  تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن .


خۇلاسە 

Yarnھەرگىزمۇ NPM نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ دىگەنلىك ئەمەس ، پەقەت NPM نىڭ يىتەرسىلىكلىرىنى ھەل قىلغان دىيىشكە بولىدۇ . قايسىسىنى ئىشلىتىش يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق .


مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار 

ئورگان تور بېتى https://yarnpkg.com/en



سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش

  • yurqi

    guthub تىمۇ ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى خېلى جىقكەن ، بىزمۇ ئاستا - ئاستا كۆچىۋالامىز

    Stilly

    npm نىڭ 5 - نەشىرىدە بۇ مەسىلىلەرمۇ ھەل بولارمىش خەۋەرلەرگە قارىغاندا.