Vue-cli ئارقىلىق قۇرۇلغان تۈرگە Bootstrap ۋە jQuery ئەكىرىش


Vue-cli بولسا Vue ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن تىز سۈرئەتتە Vue پىروگرامما تۈرى ھاسىللاش قورالىدۇر . Vue-cli ئارقىلىق قۇرۇلغان تۈرگە ئۈچىنجى تەرەپ قورال تۈرى ئەكىرىش بەلگىلىك قائىدە بويىچە ئەكىرىلىدۇ .


 jQuery نى يۈكلەش.

 ئاۋۋال npm ئارقىلىق jQuery نى قاچىلايمىز . (cnpm نى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ )

npm install jquery --save-dev

ئاندىن build مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى webpack.base.conf.js ھۆججىتىگە تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز .

webpack تەڭشىكى قوشۇمىز .

var webpack=require('webpack');


module.exports قسمىغا تۆۋەندىكىدەك تەڭشەك قوشىمىز .

plugins: [  
  new webpack.ProvidePlugin({  
    $:"jquery",  
    jQuery:"jquery",  
    "windows.jQuery":"jquery"  
  })  
]


ئاندىن alias قىسمىغا تۆۋەندىكى تەڭشەك قېممىتىنى قوشىمىز .

'jquery': "jquery/src/jquery"


ئاندىن main.js ھۆججىتىدە jquery نى پۈتۈن دائىرلىك (全局引入) يۈكلەيمىز .

import $ from 'jquery'



Bootstrap نى يۈكلەش

ئاۋۋال ئوخشاشلا npm ئارقىلىق Bootstrap نى قاچىلايمىز .

npm install bootstrap —save-dev

ئاندىن main.js ھۆججىتىدە bootstrap نىڭ cssۋە js ھۆججەتلىرىنى يۈكلەيمىز .

import 'bootstrap/dist/css/bootstrap.min.css'
import 'bootstrap/dist/js/bootstrap.min.js'


بۇنداق ئەكىرگەندە تۈرنىڭ پۈتۈن دائىرىسىدە bootstrap نى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ .


تېمىنىڭ ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى : 2017-12-27 11:35



سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش