Visual Studio Code 2017 نىڭ بىر قانچە ئېسىل ئۇسلۇبلىرى


VS Code ئۈچۈن چىرايلىق ئۇسلۇبلاردىن بىر نەچچىنى ئورتاقلىشايلى . چىرايلىق ئۇسلۇبلارمۇ ئاقسالىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ .


One Dark Pro ئۇسلۇبى 

One Dark Pro ئۇسلۇبى Atomنىڭ سۈكۈتتىكى ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ لاھىيلەنگەن ئۇسلۇپ بولۇپ ، بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەندىن كىيىن VS Code نىڭ كۆرۈنمە يۈزى Atom غا ئاساسەن ئوخشىشىپ قالدۇ .

01.jpg



Material Palenight Theme ئۇسلۇبى 

بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئاپتورى 10 نەچچە ياشلىق بالا Olaoluwa بولۇپ ، تەبىئەت شەئىيلىرىگە بولغان كۈچلۈك قىززىقىشى ئاساسىدا لاھىيلەنگەن ،ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ شۇنداق تەبىي يېقىشلىق .

02.jpg


Dracula Official ئۇسلۇبى 

بۇ ئۇسلۇبمۇ كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈندىغۇ ئىشقىلىپ .

03.jpg


One Monokai Theme ئۇسلۇبى 

Sublime  ئىشلەتكەنلەرگە نىسبەتەن بۇ ئۇسلۇب ناتونۇش ئەمەسقۇ شۇنداققۇ .

07.jpg



Material Theme ئۇسلۇبى 

مانا ئۇسلۇبنىڭ ئەڭ نوچىسى كەلدى . Material Theme ئۇسلۇبىنىڭ نەچچە خىل رەڭ تەڭشىكى بار بولۇپ ،كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي Flat UI ئۇسلۇبىدا لاھىيلەنگەن .ئىنتايىن كۆركەم .يەڭگىل . ئايكونلىرى گۈزەل .

04.jpg



Icons ئۇسلۇبلىرى 

vscode-icons 

vscode-icons بولسا VS Code ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ھۆججەت ئايكونلىرى ئۇسلۇبى بولۇپ ،ھۆججەت ئايكۇن تىپلىرى تولۇق .

05.jpg


Material Icon Theme 

Material Icon Theme ئايكون ئۇسلۇبى تېخىمۇ كۆپ خىل ھۆججەت تىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئاساسەن ئىھتىياجىمىزدىن تولۇق چىقىدۇ .

06.jpg


يۇقارقى ئۇسلۇبلارنى قاچىلاش ئۇسۇلى : VS Code قىستۇرما بازىرىدىن يۇقارقى ئۇسلۇبلارنىڭ نامى  ھالقىلىق سۆزى ئارقىلىق ئىزدەپ قاچىلاشقا بولىدۇ ،



سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش

  • yasinjan

    قىستۇرما بازىرىدىن ئىزدەپ قاچىلاپ بولغانائىن كىيىن ، ئاستىدىكى بەلگىلەش دىگەن يەردىن ئۇسلۇبنى تاللاپ بەرسەك ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن .

    Stilly

    دىمەك سىناپ بىقىپسىزدە .(خو بەلگىسى )

  • Stilly

    تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇبلار : https://rainglow.io دا