يەنە بىر CSS رامكىسى - Bulma


شەخسەن ئۆزۈم ئادەتتە Bootstrap كە ئامراق ھەم تولاراق Bootstrap نى ئىشلىتىپ قالىمەن .بۈگۈن github دا يەنە بىر flexbox قۇرۇلمىسى ئاساسىدىكى CSS رامكىسى Bulma نى بايقاپ قالدىم . نىمىدىگەن كىيىن بايقاش ھە بۇ ........!؟ ئاددىيلا نەچچە ئون مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئورگان بەتلىرىنى بىر قاتار ئايلىنىپ شۇنداق ياقتۇرۇپ قالدىم . شۇنداق يەڭگىل ،يېقىشلىق ، زاپچاسلىرى بىر قەدەر تولۇق رامكىكەن . github تۈر بېتىدە Bulma ھەققىدە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئۇلانمىلارنىمۇ ئۇچراتتىم . Star سانى 22 مىڭدىن ئاشىدىغان تۈرنى ھازىر بايقىغىنىم نىمدىگەن ئېچىنىشللىق بايقاش ھە ....  ئوشۇقچە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي ، قىنى ھەۋەسكارلار ئولاش چولاش ئويناپ تەتقىق قىپ باقمامسىلەر ؟ تەۋسىيە مەندىن ، ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىك سىلەردىن ...


مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار 


Bulma ئورگان بېتى : https://bulma.io

github تۈر بېتى : https://github.com/jgthms/bulma


سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش

  • heweskar

    ھەممە رامكىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بار ، مەن يەنىلە Bootstrap نى ياقتۇرىمەن

  • Shadiman

    github شىنجاڭدا ئېچىلمامدۇ نىما ؟›.......

    Stilly

    قارىغاندا ئەمدى بايقاپسىزدە ھە ... ئىچىلمىغىلى خىلى زامانلار بولدىغۇ دەيمەن .