2017 - يىللىق ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن JavaScript رامكىلىرى


ھازىر Javascript بارغانسىرى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ . نىمىشقا دىگەندە  Javascript ئالدى يۈز قوللانمىلار ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىنىپلا قالماستىن ئارقا سۇپا مەشخۇلاتىدىمۇ ( node.js ) كەڭ قولللىنىلىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ . بەلكىم كەلگۈسىدە JavaScript مونوپۇل خارەكتىرلىك چوڭ تىل بولۇپ قىلىشىمۇ ھەم مومكىن ...

2017 - يىلى نۇرغۇنلىغان JavaScript رامكىلىرى مەيدانغا كەلدى ۋە تەرەققىياتى، قوللىنىلىشى تىز سۈرئەتتە ئاشتى . مەسىلەن تۆۋەندە 2017 - يىللىق ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن JavaScript رامكىلىرى سىستاستىكا ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى .


Angular

Angular بولسا خېلى بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەن MVC تىپىدىكى رامكا بولۇپ ، بۇرۇنقى نەشىرلىرى AngularJS دەپ ئاتىلاتتى . 2009-يىلى Google تەرىپىدىن سېتىۋىلىنغان ھەمدە ئىزچىل Google تەرەپ يېڭىلاپ كەلگەن . بۇ يىل Angular دا كۆپ يېڭىلىنىشلار بولغان بولۇپ ھازىر كەڭ كۆلەمدە كۆچمە ئۈسكىنە تور بەتلىرى ۋە ئەپلىرى ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتىدۇ .

ئورگان بېتى : https://angular.io

GitHub بېتى : https://github.com/angular/angular


React

React رامكىسى بولسا Facebook تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بولۇپ كۆچمە ئۈسكىنە ئەپلىرى ( React Native) ئۈچۈن قوللىنىشقا بولىدۇ . بۇ يىلدىكى React نىڭ ئىشلەتكۈچىلەر كىلىشىمنى ئۆزگەرتىش ۋەقەسى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن بەلگىلىك ئەكىس تەسىر ئەپ كەلگەن بولسىمۇ ، React يەنىلا ئىشلىتىش قىزغىنلىقى ئالدىنقى قاتاردىكى رامكىلارنىڭ بىرى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ .

ئورگان بېتى : https://facebook.github.io/react

GitHub بېتى : https://github.com/facebook/react


Ember

Ember.js  بولسا ئۆگىنىش ئاددىي ، ئاسانلا ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىغا ماسلىشالايدىغان رامكا بولۇپ ، پىروگراممېرنىڭ پىروگرامما ئېچىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئاساستا يېڭىلىنىۋاتىدۇ .

ئورگان بېتى : https://www.emberjs.com

GitHub بېتى : https://github.com/emberjs/ember.js



Aurelia

Aurelia نى بەلكىم جىق ئاڭلىمىغان بولىشىمىز مومكىن . Aurelia بولسا ئۈستەل يۈزى پىروگراممىلىرى ، كۆچمە ئۈسكىنىلىرى ئەپ ئېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان رامكىدۇر . ES5, ES 2015, ES 2016ۋە TypeScript گىرامماتىكىلىرىنى قوللايدۇ .دەپتۇ ئورگان تورىدا .

ئورگان بېتى : http://aurelia.io

GitHub بېتى : https://github.com/aurelia/framework


Vue

Vue شەكسىزكى بۇ يىل ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن JavaScript رامكىسىدۇر . Vue رامكىسىنى جۇڭگولۇق پىروگراممىر Evan You ئەپەندىم بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ ، ھازىر Evan You ئەپەندىم پۈتۈن كۈنلىك خىزمەت تەرەققىسىدە Vue تۈرىنى يېڭىلاپ ۋە تېخنىكىلىق قوللاش ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ . ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدىمۇ دىگەن ، 2017-يىلى ھىچنىمە ئۆگەنمسىڭىزمۇ مەيلى لىكىن Vue.js نى ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمەڭ دەپ. شۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدىكى Vue.js ھازىر ئالدى يۈز پىروگراممېرلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى بوپ قېلىۋاتىدۇ .

ئورگان بېتى : https://vuejs.org

GitHub بېتى : https://github.com/vuejs/vue



سىز تېخى كىرمەپسىز،كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش|تېزىملىتىش

  • heweskar

    Vue.js نىڭ دەرىسىنى ئىشلەپلاۋەتمىدىڭىز ، خىلى بوپ قالدى سىز ماختىغىلى تۇرغلى ، ھى ھى ...

    Stilly

    پات يېقىندا بۇمۇ بوپ قالار .

  • user_yeganaaa

    پەچەت نەرسە ھى بۇ ئەمما ماڭا ئۈگەنگىلى ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغاندۇ بۇرۇن MVVM يىزىپ باققان ھەم ئۇچرىشىپ باققان بولغاچ ئاجايىپ ياقتۇردۇم بۇنى