Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Emoji

بۇ يازمام بەلكىم ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى،ئەڭ ياش،ئەڭ كېلىشكەن....... Emoji توغۇرلۇق يازما بوپ قېلىشى مومكىن،ھا ! ھا! ھا!


Emoji نىمە زادى؟

مۇنداقلا چۈشەنسەك Emoji مۇ ئوخشاشلا 'ھەرپ -تېزما' دىن ئىبارەت،لىكىن بۇ 'ھەرپ -تېزما' بىزگە كۆرۈنىدىغان چاغدا رەسىم ھالىتىدە ھاسىللىنىپ كۆرۈنىدۇ.يەنى 'ھەرپ -تېزما' ئارقىلىق رەسىم سېزىش دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.

ئەڭ دەسلەپكى Emoji بولسا بىر قىسىم ئالاھىدە ھەرپ-رەقەملەر بىلەن رەسىم ھاسىللاشتا ئىشلىتىلگەن بولۇپ،ھاسىللىغىلى بولىدىغان رەسىملەرنىڭ دائىرىسى ناھايتى تار بولۇپ، 2010-يىلى Unicode مەخسۇس Emoji ئۈچۈن بىر قىسىم ئۆلچەم ۋە كود نۇقتىسى (码点) تەقسىملىگەن.Emoji نىڭ بارا بارا خەلقئارادا ئالقىشلىنىشىغا ئەگىشىپ 2015-يىلى خەلقئارالىق Emoji ئۆلچىمى رەسمىي ئېلان قىلىنغان.ھەمدە 2017-يىلى 4-ئايغىچە كەلگىچە Unicode تېزىملىكىگە كىرگەن Emoji سانى 2389 قا يەتكەن.


Emoji نىڭ ھاسىللىنىشى 

Unicode پەقەت Emoji قا نىسبەتەن كود نۇقتا ۋە مەنا ئۆلچىمىنىلا بېكىتىپ بەرگەن بولۇپ،Emoji نى كونكىرت ئىشقا ئاشۇرمىغان.مەسىلەن Unicode دىكى كود نۇقتىسى U+1F600 بىر تال كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ،لىكىن بۇ ئىپادىنىڭ كونكىرت قانداقلىقىنى ھەر قايسى مەشخۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشقا ئاشۇرىشىغا قالدۇرغان.شۇڭا بىز ئوخشاش Emoji  نىڭ  ئوخشىمىغان مەشخۇلات سىستېمىلىرىسدا ئوخشمىغان قىياپەتلىرىنى كۆرىشىمىز مومكىن.مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

bg2017041305.jpg

ھازىرغا قەدەر Mac سىستېمىسى،Android سىستېمىسى ۋە Twitter、Github、Facebook قاتارلىق سۇپىلار ئۆز ئالدىغا Emoji ئىپادىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغان.


Emoji نى ئىشلىتىش 

گەرچە Emoji مۇ ھەرپ-بەلگە بولغىنى بىلەن،لىكىن بۇ ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى قولدا يېزىش ناھايتىمۇ قولايسىز.شۇڭا بىر قىسىم Emoji ئامبارلىرىدىن پايدىلىنىشمۇ ئاقىلانە تاللاشلاردۇر.


1.كۆچۈرۈپ چاپلاش ئۇسۇلى

getEmoji.com تور بېكىتىگە كىرىپ لازىملىق Emoji نى كۆچۈرۋىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىمىز بار مەزمۇنغا چاپلىساق بولىدۇ.


2.كود نۇقتىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق Emoji ھاسىللاش

مەسىلەن Unicode  كود نۇقتىسى U+1F600 نى HTML سۇبيېكت(实体)  تى 128512#& (十进制) ياكى 1F600x#& ا (十六进制) ئارقىلىق كۈلگەن Emoji  چىراي ئىپادىسى ھاسىللاشقا بولىدۇ.تېخىمۇ كۆپ Emoji لارنىڭ  Unicode  كود نۇقتىسىنى بۇ تور بېكەتتىن تىپىشقا بولىدۇ.


3.JavaScript تىكى node-emoji ئامبىرى ئارقىلىق ئىشلىتىش

ئاۋۋال node-emoji دىن node-emoji ئامبىرىنى چۈشۈرۈپ بەتكە ئۇلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.node-emoji ئامبىرىنى ئىشلىتىش تەپسىلاتى يۇقارقى ئۇلانىمىدا بار،قىززىققۇچىلار تەتقىق قىلىپ باقساق بولىدۇ.


4.CSS ئارقىلىق Emoji ھاسىللاش

بەتكە emoji.css نى ئۇلىۋەتكەندىن كىيىن مۇ مەنزىلگە كىرىپ  Emoji ئىپادىلىرىنىڭ ماس css class ناملىرىنى ئەكلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك.

<link href="https://afeld.github.io/emoji-css/emoji.css" rel="stylesheet">
<i class="em em-baby"></i>


مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار

Emoji - Wikipedia