Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Open Source License ا 开源许可证

ئالدىنقى مەزگىللەردە React نىڭ كېلىشىم ئۆزگەرتىش ۋەقەسى خېلىلا داغ دۇغا پەيدا قىلغانلىقىدىن خەۋرىمىز بولۇشى مومكىن . پىروگرامما ئاچقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوچۇق مەنبە كېلىشىمى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولىشمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر .



ئوچۇق مەنبە كېلىشىمى دىگەن نىمە ؟

ئوچۇق مەنبە كېلىشىمى بىر خىل قانۇنىي كېلىشىم بولۇپ ، ئاپتور ماس ھالدىكى ئوچۇق مەنبە كېلىشىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمگەك مىۋېسىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ، ئۆزگەرتىشىگە ۋە ھەمبەرلىشىگە نىسبەتەن چەك قويالايدۇ .يەنى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمگەك مىۋېسىنىڭ قانۇنىي ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

مەسىلەن نەشىر ھوقۇقى قانۇنىدا باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسى (كىتاب ، يۇمشاق دېتال ...) نى ھەمبەھىرلەش چەكلەنگەن بولۇپ ، ئىگە  تەرەپنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىش ھوقۇقى پەقەت ئىگە تەرەپكىلا تەۋە بولىدۇ . گەرچە مەنبەسى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېچىۋىتىلگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئىشلەتكۈچى پەقەت كۆرۈشكىلا بولىدۇ ،ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . ئەگەر ئىگە تەرەپنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ ئىشلەتكەندە نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ . شۇڭا ئوچۇق مەنبەلىك تۈر ئېلان قىلغاندا چوقۇم مۇۋاپپىق ئوچۇق مەنبە كېلىشىمى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەزكۇر تۈرگە نىسبەتەن بەھرىمان بولالايدىغان ھوقۇقلىرىنى ئەسكەرتىش زۆرۈردۇر .


ئوچۇق مەنبە كېلىشىمى تۈرلىرى 

ھازىرغىچە خەلىقئارادا ئېتراپ قىلىنىدىغان ئوچۇق مەنبە كېلىشىمىدىن 80 نەچچە تۈرلۈك بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى ھەممىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئوچۇق مەنبەلىك تۈرنى ھەقسىز ئىشلىتىشىنى ،ئۆزگەرتىشىنى ۋە ھەمبەھىرلىشىنى قانۇنىي جەھەتتىن ئىزاھلايدۇ . لىكىن ھەقسىز ئىشلىتىشنىڭمۇ شەرتى بار . مەسىلەن مەلۇم بىرخىل ئوچۇق مەنبە كېلىشىمىنىڭ ھىچقانداق چەكلىمىسى بولمىسا ياكى ئاپتورنىڭ ھىچقانداق ئۇچۇرى قالدۇرۇلمىغان بولسا بۇ تۈرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى بولمايدۇ ، ھەرقانداق ئادەم خالىغانچە ئىشلەتسە ، ئۆزگەرتسە ، تارقاتسا ياكى سودا خارەكتىرىدە ئىشلەتسە بولىدۇ .بۇنداق كېلىشىم ئادەتتە (public domain ) يەنى (公共领域) دەپ ئاتىلىدۇ .ئوچۇق مەنبە كېلىشىمى ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان تەلەپنىڭ  ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .Permissive كېلىشىمى ۋە Copyleft كېلىشىمى .


Permissive كېلىشىمى 

Permissiveتۈرىدىكى كېلىشىملەر ئوچۇق مەنبە كېلىشىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسىي كېلىشىم تۈرى بولۇپ ، ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان تەلەپ ئىنتايىن ئاز ياكى يوق دىيەرلىك . بۇ خىل كېلىشىمدىكى تۈرلەرنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي تۈرى قىلىۋىلىشىغىمۇ بولىدۇ . بۇ خىل تۈردىكى كېلىشىملەرنىڭ چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار .

1.ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان تەلەپ ئىتايىن ئاز ياكى يوق دىيەرلىك .

2.بۇ خىل كېلىشىمدىكى تۈرنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى ھىچقانداق كاپالەتكە ئېگە ئەمەس .

3.تۈرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ئۇچۇرى چوقۇم قالدۇرىلىدۇ .


Permissiveتۈرىدىكى كېلىشىملەردىن كۆپ ئۇچرايدىغان كېلىشىملەردىن تۆۋەندىكىلەر بار .


二条款版 ا BSD 

  ئىشلەتكەندە ياكى ئۆزگەرتكەندە ئەسلى ئاپتور ئۇچۇرى قالدۇرىلىدۇ .


三条款版 ا BSD

  ئىشلەتكەندە ياكى ئۆزگەرتكەندە ئەسلى ئاپتور ئۇچۇرى قالدۇرىلىدۇ . ۋە ئەسلى ئاپتور نامىنى تارقىتىش ۋاستىسى قىلىشقا ياكى سودا خارەكتىرىدە پايدىلىنىشقا يول قويۇلمايدۇ .


MIT

 MIT كېلىشىمى بىلەن 二条款版 ا BSD ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش .


Apache 2

ئىشلەتكەندە ياكى ئۆزگەرتكەندە ئەسلى ئاپتور ئۇچۇرى قالدۇرىلىدۇ . ئۆزگەرتكەندە ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەر ئېنىق ئىزاھلىنىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەسكەرتىلىدۇ ۋە ئەسلىدىكى كېلىشىم نامىنى ئىككىنجى قېتىم ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ .




Copyleft كېلىشىمى 

Copyleftبولسا Copyrightنىڭ قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆزى بولۇپ ، Copyrightنىڭ تەرجىمىسى "كۆچۈرۈش ھوقۇقى " بولۇپ بۇ نەشىر ھوقۇق تۈزۈمنىڭ پادروسى ھىسابلىنىدۇ . يەنى ئىگە تەرەپنىڭ ئېجازەتنامسىنى ئالماي تۇرۇپ مەزكۈر ئوچۇق مەنبەلىك تۈرنى كۆچۈرىشىگە بولمايدۇ . شۇڭا Copyleftنىڭ مەنىسى دەل ئەكىسچە ، يەنى ئىشلەتكۈچىلەر ئىگە تەرەپنىڭ ئىجازەتنامسىنى ئالماي تۇرۇپمۇ ئوچۇق مەنبەلىك تۈرگە نىسبەتەن كۆچۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ . بۇ تۈردىكى كېلىشملەرنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان تەلىپى تۈرىدىكى كېلىشىملەرگە قارىغاندا بىر ئاز كۆپرەك بولىدۇ .بۇ تۈردىكى كېلىشىملەردىن كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى تۆۋەندىكى 4 تۈرلۈك .

Affero GPL يەنى AGPL

 بۇلۇت مۇلازىمەت تۈرى  (SAAS) مەزكۇر كېلىشىمنى تاللىغان بولسا كودى چوقۇم ئېچىۋىتىلىشى كىرەك .


GPL

 تۈردىكى مەلۇم بىر بۆلەك ياكى ھۆججەت GPL كېلىشىمىنى ئىشلەتكەن بولسا ، پۈتۈن تۈر چوقۇم GPL كېلىشىمننى ئىشلىتىشى كىرەك .


LGPL

 بۇ كېلىشىمدىكى تۈرلەر ئوچۇق مەنبەلىك قېلىنسىمۇ ياكى يىپىق مەنبەلىك قىلىنسىمۇ بولىدۇ .

بۇ كېلىشىمدىكى تۈرلەر ئىشلەتكۈچى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ئىشلەتكۈچى يېپىق مەنبەلىك قىلىۋالسا بولىدۇ .


Mozilla MPL 

 ئوچۇق مەنبەلىك تۈرنىڭ ئىشلەتكۈچى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن قىسىمى ئوچۇق مەنبەلىك بولۇش تەلەپ قېلىنمايدۇ .


بۇ مەزمۇن توردىن ماتىريال ئىىزدەپ رەتلەپ تەرجىمە قىلغان بولغاچ ئاتالغۇ ۋە چۈشەنچىلەردە كەمتۈكلەر ساقلانغان بولۇشى مومكىن . تەكلىپ -پىكىرلەرنى سەمىيمى قارشى ئالىمەن .