كومپىيۇتېر دۇنياسىغا تۇتاشقان خەرىتە 2

  كومپىيۇتېر ئىلمىنىڭ ئىككىنچى چوڭ تارمىقى كومپىيۇتېر قۇرۇلۇشى. كومپىيۇتېرنى لايىھەلەش تولىمۇ چوڭ جەڭنىڭ بىرى، چۈنكى ئاستىنقى قاتلامدىكى قاتتىق دېتالدىن ئۈستىنكى قاتلامدىكى يۇمشاق دېتالغىچە نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. لايىھەلىگۈچى چوقۇم كومپىيۇتېرنى ئىمكانقەدەر ئەلالاشتۇرۇشتۇرۇپ قۇربىنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ مەسىلەرنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) كومپىيۇتېرنىڭ مەركىزى، كومپىۇتېردا ئىجرا قىلغان ھەممە ۋەزىپە بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ئۆتىدۇ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق تەقسىملىنىدۇ. تاق بىر تەرەپ قىلغۇچ كۆپ ۋەزىپىنى بىرتەرەپ قىلغان ۋاقتىدا، بىر تەرەپ قىلغۇچ ھەربىر ۋەزىپە ئوتتۇرسىدا بېرىپ كېلىپ ئىجرا قىلىدۇ، ھەممە ۋەزىپە ئىشلەتكۈچى قوبۇل قىلالايدىغان ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىدۇ.


5c9c81d2-9ee3-11e8-a2e0-001e676a89bd.jpg

  ۋەزىپىنىڭ تەقسىملىنىشى (调度 Schenduling) بىر مۇرەككەپ جەريان، بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرىپىدىن تاماملىنىدۇ. تەقسىملىگۈچ (调度器)قايسى ۋاقىتتا نېمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى قارار قىلىدۇ، ھەمدە ئەڭ ئەلالاشتۇرۇلغان ئۇسۇل بىلەن ھەممە ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، كۆپ يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىپ كۆپ ۋەزىپە بىر تەرەپ قىلىش كومپىيۇتېرنىڭ ئىجرا قىلىش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، چۈنكى ھەربىر ۋەزىپە ھازىر مۇستەقىل تاق يادرو تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ھەم تەقسىملىگۈچنىڭ(调度器) لايىھەسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ. بۇ لايىھەلەر بولسا سىستېما قۇرۇلمىسى (Computer Architecture)نىڭ تەتقىق قىلىش دائىرىسىغا تەۋە. گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ (GPU) گىرافىك بىرتەرەپ قىلىشقا ماس كېلىدۇ، مەسىلەن بىز ئوينايدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئويۇنلار، نەق مەيداندا پىروگرامما تۈزگىلى بولىدىغان قاپقاق گۇرۇپپپىسى (FPGA) بەزى يۇقىرى سۈرئەتتە ئىجرا قىلىدىغان تار دائىرىدىكى ۋەزىپىلەرگە ماس كېلىدۇ، مەسىلەن بىت تەڭگىسى كولاش دېگەندەك.


5caade1c-9ee3-11e8-a2e0-001e676a89bd.jpg

 يۇمشاق دېتال ۋە پىروگرامما تۈزۈش تىللىرى (Software an Programming Languages) مۇ كومپىيۇتېر قۇرۇلۇشىنىڭ تەركىب تاپىدىغان مۇھىم بىر بۆلىكى. قاتتىق دېتال ئۈستىدەھەرخىل پىروگرامما تۈزۈش تىللىرى ئارقىلىق يېزىلغان يۇمشاق دېتال قەۋىتى بار. ئاستىنقى قاتلامدىكى ئاسسېمبل تىلىدىن يۇقىرى قاتلامدىكى Java تىلىغىچە، پىروگرامما تۈزۈش تىللىرى پىروگراممېرلارنىڭ كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان تىلى، ھەمدە ئوخشىمىغان گىرامماتىكا خاسلىقى بىلەن ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ۋەزىپىلەرنى يازىدۇ. مەسىلەن بىز ئاسسېمبل تىلى بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ ئاستىنقى قاتملىدىكى ئىجرالارنى يازىمىز، Java تىلى ئارقىلىق تور بەت سىستېمىسى يېزىلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى، قانچە تۆۋەن قاتلامدىكى پىروگرامما تۈزۈش تىلى بولسا كومپىيۇتېرنىڭ ئۆز قۇرۇلمىسىغا شۇنچە يېقىنلىشىدۇ، لېكىن ئادەملەرنىڭ چۈشىنىشى شۇنچە تەسلىشىدۇ.


  لېكىن مەيلى قانچلىك يۇقىرى قاتلامدىكى ياكى تۆۋەن قاتلامدىكى تىل بولسۇن، ئاخىرىدا بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىجرا قىلالايدىغان ئىككىلىك سىستېما كودىغا ئايلىنىدۇ.بۇ ئايلاندۇرۇش مىخانىزىمى تەرجىمە قىلغۇچ (编译器 Compiler) تەرىپىدىن بىر ياكى كۆپ قەدەم ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. ھەربىر پىروگرامما تۈزۈش تىللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تەرجىمە قىلغۇچىسى بولىدىغان بولۇپ پىروگراممىنى تەرجىمە قىلىپ ئىجرا قىلىدىغان ئىككىلىك سىستېما كودىغا ئايلاندۇرۇپ ھەمدە ئەلالاشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىدۇ. تەرجىمە قىلغۇچ ۋە پىروگرامما تۈزۈش تىلىنىڭ لايىھەسى كومپىيۇتېردا تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى بۇ لايىھەلەر چوقۇم ئاددىي ھەم ئىشلىتىشچانلىق، ئەپچىل ھەم ئۆزگىرىشچان بولغاندا، پىروگراممېرلارنىڭ ھەرخىل ئويلىرىنى خالىغانچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ.


5e86956e-9ee3-11e8-a2e0-001e676a89bd.jpg

مەشغۇلات سىستېمىسى (Operating System) كومپىيۇتېر سىستېمسىدىكى ئەڭ مۇھىم يۇمشاق دېتال، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەتكۈچى ۋە كومپىيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىدىغان چوقۇم ئۆتىدىغان ۋاستىچى.(ئىشلەتكۈچى بىلەن كومپىيۇتېرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك) مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكۈچىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى قوبۇللاش بىلەن بىرگە كومپىيۇتېرنىڭ بارىلىق قاتتىق دېتاللىرىنى كونتىرول قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ياخشى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى لايىھەلەپ ياساپ چىقىش تولىمۇ چوڭ قۇرلۇش. شۇنڭلاشقا يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى (Software Engineering) ھەم شۇ سەۋەبتىن كومپىيۇتېر قۇرۇلۇشىنىڭ تارمىقىدىكى مۇھىم بىر بۆلىكى.


يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرلىرى يۇمشاق دېتال لايىھەلەش ئارقىلىق، يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى ياكى ھازىر بار بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن ھەم تۈرتكە بولۇپ كومپىيۇتېرغا قايسى ۋاقىتتا نېمە قىلىشىنى دەپ بېرىدۇ. يۇمشاق دېتال لايىھەلەشنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت، ئىنژېنىرلارنىڭ مول يېڭىلىق يارتىش تەپەككۇرى تەلەپ قىلىپ، پىروگرامما تۈزۈش تىللىرى ئارقىلىق ناھايىتى لوگىكىلىق پىروگراممىغا ئايلاندۇرىدۇ، ھەمدە ئايلاندۇرۇلۇپ بولغان لوگىكىلىق پىروگراممىنى تېز سۈرئەتتە كومپىيۇتېردا ئىجرا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇمشاق دېتال قۇرلۇشى ئايرىم بىر مۇستەقىل پەن بولۇپ نۇرغۇن لايىھە ئىدىيسى ۋە پەلسەپىسى پىروگراممېرلارنىڭ ئۆگىنىشىگە، ئىشلىتىشىگە ھەمدە تەتقىق قىلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ.


5eaf6a02-9ee3-11e8-a2e0-001e676a89bd.jpg

مەشخۇلات سىستېمىسى 

 ئەلۋەتتە، كومپىيۇتېر قۇرۇلىشىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن تۈزۈلۈش بۆلەكلىرى بار، مەسىلەن كۆپ كومپىيۇتېرنى چوڭ كۆلەمدە تورلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش (مەسىلەن تاۋباۋنىڭ مۇلازىمېتىرى)، چوڭ سانلىق مەلۇمات ساقلاش (مەسىلەن گۇگىل، فەسبوكتا ساقلاش لازىم بولغان شەخسىي ئۇچۇرلار)، ماشىنا ئىقتىدارنى تەتقىق قىلىش (مەسىلەن چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتال يېزىش كومپىيۇتېر ئىقتىدارنى سىناشنىڭ ئۆلچىمى) ھەمدە كومپىيۇتېر گىرافىكى بىرتەرەپ قىلىش (مەسىلەن فوتوشوپ) قاتارلىقلار. بىز كېيىنكى ماقالىلىرىمىزدا تەپسىلى توختىلىمىز


داۋامى بار...