Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Bootstrap تىكى سىيرىلما تېزىملىك (下拉菜单) نى Hover ھادىسىسىگە ئالماشتۇرۇش

Bootstrap تىكى سىيرىلما تېزىملىك (下拉菜单) سۈكۈتتىكى ھالەتتە click ھادىسىسىدە قوزغلىدىغان بولۇپ ،ئىشلەتكۈچى بىر قېتىم چىكىش مەشخۇلاتى قىلغاندىن كىيىن ئاندىن ئىچىلىدۇ.بىز بۇ ھادىسىنى Hover ھادىسىسىگە ئالماشتۇرۇشنى كۆرۈپ باقايلى.


تورلاردىن ئىزدىنىپ باقسام ،بىر قىسىم يولداشلار مۇنداق ھەل قىپتۇ .يەنى مائۇس سىيرىلما تېزىملىكتىن ئۆتكەن ۋاقىتتا مەزكۇر سىيرىلما تېزىملىكنىڭ چەكمە ھادىسىسىنى قوزغىتپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ،يەنى مائۇس تېزىملىكتىن hover بولغاندا click ھادىسە (事件) نى قوزغىتىپ بىرىپتۇ.بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق گەرچە مەقسەتكە يەتكەن بىلەن Bootstrap نىڭ ھەر قايسى نەشىرلىرى ۋە كىچىك ئىكراندىكى سىيرىلما ھادىسىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايمىشلەر.


شۇڭا داۋاملىق توردىن ئىزدەپ باقسام ،بىر چەتئەللىك ئالدى يۈز پىروگراممېر مۇ مەسىلىنى ناھايتى ئۆلچەملىك بىر تەرەپ قىلىپ ئۆزىنڭ تەجىربىسىنى بىلوگىغا يېزىپتۇ،يەنى مۇنداق:ئاۋۋال تۆۋەندىكى js ھۆججىتىنى بەتكە ئۇلايمىز.بۇ ھۆججەتنى github تىن تاپقىلى بولىدىكەن.ياكى تۆۋەندىكى ئادرىسنى ئۇلىساقمۇ بولىدىكەن.


ئاندىن سىيرىلما تېزىملىككە data-hover="dropdown" خاسلىقىنى قوشۇۋەتسەكلا بولىدىكەن.مەسىلەن ئەسلىدىكى تېزىملىك كودى مۇنداق :

dropdown

قوشقاندىن كىيىنكى كود مۇنداق:

dropdown

ئۈنۈمىنى مەزكۇر بېكەتنىڭ سول ئۈستى تەرەپتىكى ئەزالار مەشخۇلاتى رايونىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.(بېكەتكە كىرگەندىن كىيىن ئاندىن كۆرۈنىدۇ).


1ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
A13L1M17