Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Ubuntu سىستېمىسدا LAMP مۇھىتى قۇرۇش

 ئالىيۈننىڭ مۇلازىمىېرىغا ئاساسەن Ubuntu نى مەشخۇلات سىستېمىسى ئورنىدا ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلارغا ئەڭ قولاي ھالدا LAMP مۇھىتى،يەنى (Linux,Apache,Mysql,PHP) مۇھىتى قۇرۇش ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمەن.



1.باسقۇچ : apache2 نى قاچىلاش .

Ubuntu نىڭ تېرمىنالنى ئېچىپ ،تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.

sudo apt-get install apache2

قاچىلاش داۋامىدا سىىزدىن بەزى جەزىملەشلەرنى سورىشى مومكىن ،سىز سۈكۈت ھالدا Y نى بىسىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

01.png

ئاندىن تور كۆرگۈچكە localhost نى كىرگۈزۈپ apache2 نىڭ غەلبىلىك قاچىلانغان ياكى قاچىلانمىغانلىقىن تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ.تۆۋەندىكى 

رەسىمدىكىدەك بولسا مۇۋەپپەقيەتلىك قاچىلىلانغان بولىدۇ.

02.png



2.باسقۇچ : PHP نى قاچىلاش .

sudo apt-get install php5



3.باسقۇچ:MySQL نى قاچىلاش.

sudo apt-get install mysql-server



4.MySQL باشقۇرۇش قورالى phpmyadmin نى قاچىلايمىز.

sudo apt-get install phpmyadmi

قاچىلاش جەريانىدا apache2 نى تاللاپ،Ubuntu نىڭ باشقۇرغۇچىلىق پارولىنى كىرگۈزۈپ ،MySQL غا پارول ئورنىتىمىز.

03.png


ئاندىن سۈكۈتتىكى  www مۇندەرىجسىگە 777 ھوقۇقى بىرۋېتىمىز،

sudo chmod 777 /var/www


ئاندىن phpmyadmin  ئۈچۈن تېز قوزغىلىش ئۇلانمىسى ئورنىتىمىز.يەنى،

sudo ln -s /usr/share/phpmyadmin /var/www/html/


ساختا تېنىچ بەت ئىقتىداىنى ئاچىمىز.

تەڭشەك ھۆججەت ئادرىسى :  /etc/apache2/apache2.config

تۆۋەندىكى كودنى تىپىپ ئۆزگەرتسەك بولىدۇ.

<Directory /var/www>
Options Indexes FollowSymLinks
AllowOverride ALL
Require all granted
</Directory>


تور كۆرگۈچكە localhost/phpadmin نى كىرگۈزۈپ سىناپ باقىمىز.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولغان بولسا،بارلىق مەشخۇلاتلارنىڭ ئوڭۇشلۇق 

بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

04.png