Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Composer ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

Composer  دەپ جىق ئاڭلاپ كەتتۇق ،زادى بۇ نىمە نەرسىدۇ؟بۇ يازمامدا Composer  ھەققىدە ئۆزەمنىڭ تونۇشلۇرۇمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن،


ئاۋۋال Composer نىڭ ئورگان بىېكىتىنىڭ Composer ھەققىدىكى ئىزاھاتىغا قاراپ باقايلى.

Composer 是 PHP 的一个依赖管理工具。它允许你申明项目所依赖的代码库,它会在你的项目中为你安装他们

يۇقاردا ئېيتىلغاندەك Composer  بولسا بولسا php دىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بىر "بىقىنما" مۇناسىۋەتنى باشقۇرۇش قورالىدىن ئىبارەت.

مۇنداقچە ئېيىتقاندا Composer نىڭ رولىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدا ھىس قىلالايمىز.(خەنزۇچە ئورگان بېكىتىدىن تەرجىمە قىلىندى،)


1.بىز ئىشلەۋاتقان تۈر كۆپلىگەن ئۈچىنجى تەرەپ ئامبارلارغا تايانغان ۋاقىتتا .

2.تۈر ئارىسىدىكى ھەر قايسى ئامبارلار ئۆز ئارا  بىر-بىرىگە تايىنىدىغان ئەھۋال ئاستىدا،

3.ئۆزىڭىزگە لازىملىقلا ئامبارلارنى ئىشلەۋاتقان تۈرگە يۈكلىمەكچى بولغان ۋاقىتتا Composer ئۆزىنىڭ ئامبىرىدىن سىزگە كىرەكلىك ئامبارنى سىزنىڭ 

ئىشلەۋاتقان تۈرىڭىزگە يۈكلەپ بىرىدۇ.بۇنداق بولغاندا سىز بىر بىردىن چۈشۈرۈپ يۈكلەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالىسىز دىگەن گەپ.


يۇقارقى چۈشەندۈرۈشلەردىن ئازراق بىرنىمنى ھىس قىلىۋاتامسىز؟راسىت گەپنى قىلسام مەن يەنىلا چۈشەنمىدىم.بىز قۇرۇق گەپنى قويۇپ نەق گەپكە كىلەيلى.بىز ئاۋۋال Composer نى قاچىلاپ كۆرەيلى ھە.



ئالدىنقى شەرت:مەيلى تۆۋەندىكى قايسى خىل قاچىلاش ئۇسۇلى بولسۇن،كومپىيوتېرىڭىزغا چوقۇم php نى ئاۋۋال قاچىلىشىڭىز كىرەك،



1.ۋېىندوۋىس سىتېمىسىغا قاچىلاش.

بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر قولاي ئۇسۇل بولۇپ ،ئورگان بېكىتى گە كىرىپ Composer-Setup.exeدىگەن ئۇلانمېنى چىكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاش مەشخۇلاتى قىلساقلا بولىدۇ.بۇ ئۇسۇلدا دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا بار.يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك باسقۇچقا كەلگەندە.

20170207165813771.png


سىز ئاۋۋال قاچىلىغان php نىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىسىز.يەنى php.exe ھۆججىتى بارمۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ بىرىسىز.قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن

 ctrl+r بىرلەشمە كۇنۇپكا بىلەن ۋېندوۋىسنىڭ تېرمىنلىنى قوزغىتىپ cmd نى كىرگۈزۈپ بۇيرۇق ھالىتىگە ئۆتىمىز. ئاندىن Composer بۇيرۇقىنى

 كىرگزۈپ سىناپ باقىمىز.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولسا قاچىلاشنىڭ مۇۋەپپەقيەتلىك بولغانلىقىن بىلدۈرىدۇ.

1490018924281800.png


2.Ubuntu سىستېمىدا Composer قاچىلاش.

بۇ باسقۇچ تېخىمۇ قولاي بولۇپ ،پەقەت نەچچە قۇر كود بىلەنلا قاچىلاشقا بولىدۇ.

ئاۋۋال Composer Installer نى چۈشۈرىمىز،

sudo curl -sS https://getcomposer.org/installer | sudo php -d detect_unicode=Off

Composer نى پۈتۈن دائىرلىك قاچىلاش ئىلىپ بارىمىز،

sudo mv composer.phar /usr/local/bin/composer

ئاندىن ئېجرا قىلىش ھوقۇقى بىرىمىز.

sudo chmod a+x composer.phar

ئەڭ ئاخىردا بىر قېتىم يېڭىلاش ئىلىپ بىرۋېتىمىز،

sudo composer self-update

ئاندىن ترمىنالدا سىناپ باقساق بولىدۇ.

كىيىنكى يازمامدا Composer نىڭ كۆپ ئىشلىتىلدىغان بۇيرۇقلىرى بىلەن تونىشىپ چىقىمىز.بەلكىم بۇ يازمامدىن ھىچنىمىنى ھىس قىلمىدىڭىز.مەنمۇ 

ئۆزەمنىڭ نىم دەۋاتقانلىقىمنى تازاچۈشەنمىدىم.مەيلى ھىچقىسى يوق،داۋامىنى كىلەركى يازمىدا تەتقىق قىلىمىز.



تۆۋەندىك ئۇلانمىلارنىڭ سىزگە پايدىسى تېگىشى مومكىن.

ئىنگىلىزچە ئورگان بېكىتى

خەنزۇچە ئورگان بېكىتى


1ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
A13L1M17