Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

composer نى ئىشلىتىش (1)

ئالدىنقى يازمىدا composer توغۇرلۇق ئاز تولا بىلجىرلاپ باققان.بۇ يازمىدا composer ھەققىدە داۋاملىق بىلجىرلايمەن.


composer  نى ئاددىيلا چۈشەنسەك،ئۇ توشۇغىدىن ئىبارەت.يەنى ئۆزىنىڭ ساقلاش ئامبىرى (سۈكۈت ھالەتتىكى ئامبىرى github)دىن سىزگە لازىملىق نەرسىلەرنى سىزگە توشۇپ بىرىدۇ.ئەلۋەتتە نىمنى ئەكەپ بېرىشى سىزنىڭ قانداق تاپشۇرۇق تاپشۇرىشىڭىزغا باغلىقتە.

بۇ چۈشەندۈرۈشتىن يەنىلا ھىچنىمىنى چۈشەنمىگەن بولسىىڭز،يەنە بىردەم بىلجىرلاي.


ئاۋۋال ھە ئاۋۋال.كومپىيوتېرىڭىزنىڭ خالىغان بىر دىسكا رايونىغا بىر تال ھۆجقەت قىسقۇچ قۇرۇڭ(سىتېمىڭىز مەيلى نىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئوخشاش ھە).

ئاندىن تېرمىنالدا ياكى مائۇس كۇنۇپكا قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ھازىرقى مۇندەرىجىگە بىر دانەcomposer.json ناملىق ھۆججەت قۇرۇڭ .خالىغان تەھرىرلەش قورالىدا بۇ ھۆججەتنى ئېچىپ تەھرىرلەش ئىلىپ بارىمىز.composer.json ناملىق ئىسىمدىن بەلكىم ئازراق بىرەر نەرسىنى ھىس

 قىلغان بولىشىڭىز مومكىن،توغرا!بۇ ھۆججەتكەjson فورماتىدىكى ئۇچۇرنى يېزىشىمىز مومكىن.مەسىلەن مەن D دىسكىغا composer-test دەپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ قۇردۇم ،ئاندىن ئىچىگە composer.json ناملىق ھۆججەت قۇردۇم.

ئەمسە يېزىشنى باشلىدۇق. composer.json كە تۆۋەندىكى بىر نەچچە قۇر كودنى يازىمىز.

{
      "name":"glow/model-test",
      "require": {
            "monolog/monolog":"1.0.*"
      }
}

ساقلاپ ھۆججەتنى تاقاپ،تېرمىنالدا 

composer update

بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.

بەلكىم نىمىش قىلۋاتقىنىڭىزنى چۈشەنمىدىڭىز ھە؟ھىچقىسى يوق،داۋاملاشتۇرۇڭ.ئەگەر تور سۈرئىتىڭىز ياخشى بولسا نەچچە سىكونىتتىلا ئاللىقانداق بىر مۇنچە كودلارنىڭ ئىجرا بولغانلىقىنى،قارا ئىكراندا خۇددى"خاككىر"لاردەك ئىش بولاۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.مانا ھە composer ئارقىلىق يوغون ئىشتىن بىرنى

 قىلۋەتتۇق.


ئەسكەرتىش ھە ئەسكەرتىش :

يۇقارقى مەشخۇلات داۋامىدا بەلكىم composerدا ھىچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمەسلىكى مومكىن.سەۋەبى composerنىڭ سۈكۈتتىكى ئامبىرى 

github بىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئىچىلمايدۇ.ئىچكىردە ئىچىلىدىيۇ لىكىن يەنىلە بەزى مەنبەلەرنى زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ.بۇ ۋاقىتتا بىز ئەمدى    composerنىڭ  مەنبە ئامبىرىنى ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارىمىز،يەنى ماتىريال مەنبە (github)نى        بىزنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى مەنبە (https://packagist.phpcomposer.com)گە ئالماشتۇرىمىز. 

بۇ مەشخۇلات ئۈچۈن تېرمىنالدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.

 composer config -g repo.packagist composer https://packagist.phpcomposer.com

ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كىيىن composer update بۇيرۇۇقىنى قايتا ئىجرا قىلساق بولىدۇ.ئەمدى بىز قۇرغان ھۆججەت قىسقۇچقا قاراپ 

باقىمىز.ئەسلىدە بۇ ھۆججەت قىسقۇچتا پەقەت composer.jsonدىن ئىبارەت بىرلا ھۆججەت بار ئىدىغۇ ؟ھازىر بىر دانە vendorناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ۋەcomposer.lockناملىق ھۆججەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقايمىز،مۇشۇ يەرگىچە غەلبىلىك بولغان

 بولسا composer نى ئىشلىتىپ قىلغان تۇنجى قىلغان ئەمگىكىمىز غەلبىلىك بولغان بولىدۇ.


ئەمدى يۇقارقى كودلارنى ئايرىم ئايرىم چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:

{
      "name":"glow/model-test",
      "require": {
            "monolog/monolog":"1.0.*"
      }
}

بۇ كود بولسا بىر json فورماتىدىكى ئۇچۇرلاردۇر.بۇنىڭدىكى name بولسا بىز يىراقتىكى ئامباردىن تارتىپ ئەكەلمەكچى بولغان قورالنىڭ نامىنى 

بىلدۈرىدۇ،بۇنىڭ قىممىتىگە قورالنىڭ نامىنى يازىمىز.

بۇ يەردىكى glow/model-test دىكى glow بولسا مۇشۇ مەنبەنىڭ ئىگىسى بولغان شىركەت ياكى ئورگاننىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ.

model-test بولسا مۇشۇ مەنبەنىڭ تۈر نامى يەنى (project name)نى بىلدۈرىدۇ.

require بولسا مۇناسىۋەتلىك مەنبەدىكى ھۆججەتلەرنى يۈكلەشنى كۆرسىتىدۇ.

monolog/monologبولسا مەنبەنىڭ تۈر نامىنى بىلدۈرىدۇ.

كەينىدىكى 1.0.* بولسا نەشىر نومۇرىنى بىلدۈرىدۇ.


composer update

بۇيرۇقى بولسا ھازىرقى مۇندەرىجە ئاستىدىكى composer.json نى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقىدۇر.


ئەمدى بىز يېڭىدىن كۆپەيگەن vendor مۇندەرىجىسىگە قاراپ باقايلى،بۇ ھۆججەت قىسقۇچتا بىرتال autoload.phpھۆججىتى ۋە

 composer ،monolog قاتارلىق ھۆججەت قىسقۇچلار بار.بۇنىڭ ئىچىدىكى autoload.php بولسا vendor مۇندەرىجىسى ئىچىىدىكى بارلىق تۈرلەرنى

 ئاپتوماتىك يۈكلەشنى ئەمەلگە ئاشۇردىغان php ھۆججىتىدىن ئىبارەت.سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۈرىگىزگە پەقەت مۇشۇ autoload.php ھۆججىىتىنى 

require_once ئارقىلىق ئەكىرسىڭىزلا  vendor مۇندەرىجىسدىكى بارلىق ئىقتىدار بولاقلىرىنى تۈرىڭىزدە ئىشلىتەلەيسىز دىگەن گەپ.

composer  ھۆججەت قىسقۇچىسى بولسا composer  نىڭ ئۆزىڭنىڭ ئالاقىدار مۇندەرىجىسى بولۇپ بۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسىمۇ بولىدۇ.


يۇقارقى مەشخۇلاتلەرنى ئوڭۇشلۇق قىپ باققانلار بەلكىم composer ھەققىدە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولىشىمۇ ھەم مومكىن.

كىيىنكى يازمىدا composer نى ئەمەلىي تۈردە ئىشلىتىش ھەققىدە بىلجىرلەيمىز.

2ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
Stilly A13L1M17