Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Composer ئىشلىتىش (2) - ئاددىيلا بىر مىسال


بىز ئاۋۋال خالىغان بىر مۇندەرىجىگە composer.json ناملىق ھۆججەتتىن بىرنى قۇرايلى.ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى يازايلى.

{
    "require": {
        "monolog/monolog": "1.0.*"
    }
}

يۇقارقى كودنى ئالدىنقى تېمامدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.ئاددىيلا چۈشەنسەك نۆۋەتتە بىز composer ئارقلىق monolog ناملىق بىر قورالنى چۈشۈرمەكچى.

ئاندىن 

composer install

بۇيرۇقى ئارقىلىق يۇقارقى كودنى ئىجرا قىلايلى.قاچىلاش تاماملاغاندىن كىيىن composer.json ھۆججىتى بىلەن ئوخشاش مۇندەرىجىدە composer.lock ناملىق بىر ھۆججەت ۋە vendor نامىلىق بىر ھۆججەت قىسقۇچ كۆپىيىدۇ.بۇ يەردىكى composer.lock ھۆججىتى بولسا composer.json نىڭ ئىچىدىكى require قىلىنغان ھەر قايسى قوراللارنىڭ مەلۇم بىر نەشىرىنى قۇلۇپلاش رولى بار.يەنى بۇ ھۆججەت مەۋجۇتلا بولسا ،بىز كىيىن مەيلى قانچە قېتىم composer install بۇيرۇقى ئىلىپ بارايلى composer پەقەت composer.lock ھۆججىتىدىكى نەشىر نومۇرلۇق قوراللارنىلا قاچىلايدۇ،بۇنداق بولغاندا ھەمكارلىشىپ تۈر ئاچقانلارغا نىسبەتەن قوراللىنىڭ نەشىرى ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ ۋەھاكازلار.



ئەمدى بىز composer.json ھۆججىتى بىلەن ئوخشاش مۇندەرىجىگە index.php ناملىق بىر php ھۆججىتىى قۇرۇپ .تۆۋەندىكى كودنى يېزىپ ئىجرا قىلايلى.

require 'vendor/autoload.php';

$log = new Monolog\Logger('oyghanbeg');
$log->pushHandler(new Monolog\Handler\StreamHandler('oyghanbeg.log', Monolog\Logger::WARNING));

$log->addWarning('this is a warning message!');

ئىجرا قىلغاندىن كىيىن بىز ئوخشاش مۇندەرىجىدە oyghanbeg.log ناملىق ھۆججەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقايمىز.بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك.

[2017-03-28 15:48:58] oyghanbeg.WARNING: this is a warning message! [] []

 دىمەك بىز يۇقىردا composer ئارقىلىق Monologناملىق بىر خاتىرلىگۈچ قورالىنى چۈشۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ پىروگراممىمىزغا سەپلەش مەقسىتىگە يەتتۇق .

1ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
A13L1M17