Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Design Patterns ا 设计模式

ئاۋۋال  Design Patterns ا 设计模式 نى ئۇيغۇرچىدە نىم دەيدىغانلىقىنى ئۇقمىدىم.ئۇيغۇرسوفىت تور لۇغىتىدىمۇ بۇ ھەقتە تەرجىمە يوقكەن.شۇڭا بۇ يەردە خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ تۇرايلى.


Design Patterns ا 设计模式 دىگەن نىمە؟

تورلاردىن ماتىريال كۆرۈپ ھىس قىلىشىمچە ، Design Patterns ا 设计模式 دىگىنىمىز پىشقەدەم پىروگراممېرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق پىروگرامما تۈزۈش ئەمەلىيىتىدە يەكۈنلىگەن پىروگرامما كود يېزىش قۇرۇلمىسى ۋە تەجىربىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ،مۇنداقچە ئىيىتقاندا  Design Patterns ا 设计模式 پەقەت  پىروگرامما تۈزۈشتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قېلىپتىن ئىبارەت بولۇپ ،كونكىرت كود ياكى قۇرۇلمىنى كۆرسەتمەيدۇ.


نېمىشقا  Design Patterns ا 设计模式 ئىشلىتىمىز؟

 Design Patterns ا 设计模式 نىڭ تۈپ نېگىزى تەكرار ئىشلىتىشچانلىق بولۇپ،پىروگرامما تۈزۈش ئەمەلىيىتىدە كود ۋە قۇرۇلمىنىڭ تەكرار ئىشلتىلىشى ۋە كېڭەيتىپ ئىچىش،ئاسراش ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان.شۇڭا كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى  Design Patterns ا 设计模式 نى ئۆگەنگەندىن كىيىن تېخىمۇ ئۆلچەملىك قۇرۇلمىدىكى پىروگممىلارنى تۈزۈپ چىقىپ ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىدا تەكرار ئىشلىتىش ۋە قۇرۇلما (架构) جەھەتتە ئاممىبابلىشىش ئۈنۈمىگە يىتەلەيمىز.


Design Patterns ا 设计模式 نىڭ ئالتە چوڭ پىرىنسىپى

دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەردىكى پىروگممېرلارنىڭ پىروگرامما لاھىيەلەش جەرياندىاىكى  Design Patterns ا 设计模式 سىدا بەلگىلىك پەرىقلەر بولسىمۇ لىكىن ھەممىسى ئاساسەن تۆۋەندىكى 6 چوڭ پىرىىنسىپقا رىئايە قىلغان ئاساستا كىڭەيتىلىپ لاھىيلىنىدۇ.


1.ئوچۇق ۋە تاقاق ( 开闭原则 ا Open Close Principle) پىرىنسىپى

1988 -يىلى فىرانسىيىلىك كومپىيوتېر ئاكادىمىكى Bertrand Meyer ئۆزىنىڭ "面向对象软件构造 ا Object Oriented Software Construction" ناملىق كىتابىدا Open Close Principle پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇ كىتابىدا مۇنداق دىگەن.

“Software entities should be open for extension,but closed for modification”

مەنىسى : يۇمشاق دېتال كىڭەيتىشكە نىسبەتەن ئوچۇق ھالەتتە،ئۆزگەرتىشكە نىسبەتەن تاقاق ھالەتتە بولۇش.

مىسال:پىروگرامما ياكى يۇمشاق دېتالغا يېڭى ئىقتىدار قوشماقچى بولساق،ئەسلى كودىغا چىقىلماي ئەسلى كود ئەسلى ئىقتىدارئاساسىدا كىڭەيتىپ يېزىشىمىز كىرەك.

مەقسەت : كىڭەيتىشكە ۋە ئاسراش نەشىر كۆتۈرۈشكە قولاي بولۇش ئۈچۈن.


2.ئورنىنى ئىلىش (  里氏代换原则 ا Liskov Substitution Principle) پىرىنسىپى

يەنى بىر ئانا تۈر (基类) يەنى بىر كىڭەيتىلمە تۈر (衍生类) تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىنىپ ھەمدە ئانا تۈرنىڭ ئورنىنى ئالغان شارائىت ئاستىدا پىروگرامما ياكى يۇمشاق دېتالنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرى نورمال خىزمەت قىلسا ،بۇ ۋاقىتتا ئانا تۈرگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا يېڭى ئىقتىدار كىڭەيتىپ ئىچىشقا بولىدۇ.

مەقسەت: ئابىستىراكىت قۇرۇلمىلارنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلەشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش.


3.تايىنىش (  依赖倒转原则 ا Dependence Inversion Principle) پىرىنسىپى

بۇ پىرىنسىپ ئۇلاش ئېغىزى(接口)غا قارىتا پىروگرامما لاھىيلەشنى ئۆلچەملەشتۈرىدۇ.

مىسال :كومپىيوتېرنى مىسالغا ئالساق،ئاساسىي ئاپپارات،مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ،CPU،ئىچكى ساقلىغۇچ قاتارلىقلار ئۆزئارا ئۇلاش ئېغىزى(接口) ئارقىلىق تايىنىدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن.يەنى يۇقارقى بۆلەكلەر ئوخشاش بىر تىپ ياكى ئوخشاش ماركىلىق بولمىسىمۇ پەقەت ئۇلاش ئېغىزى(接口) لىرى ماس كەلسىلا بىر پۈتۈن كومپىيوتېر نورمال خىزمەت قىلالايدۇ.

مەقسەت : بۆلەكلەر ئارىسىدىكى تايىنىشنى ئايرىش.


4.ئېغىز ئايرىش (接口隔离原则  ا Interface Segregation Principle) پىرىنسىپى

ھەر بىر ئىقتىدارنى ئايرىپ يېزىش.

مىسال : ئەزا كېرىش ۋە تېزىملىتىش مەشخۇلاتى ئىككى ئېغىز(接口) غا ئايرىلىپ يېزىلىش.

مەقسەت : پىروگراممېنىڭ جانلىقلىقى (灵活性) نى ئاشۇرۇش.


5.   迪米特法则 ا Demeter Principle پىرىنسىپى 

مەنىسى : پىروگراممىدىكى ئەمەلىي بۆلەك (实体) ئىمكان قەدەر باشقا ئەمەلىي بۆلەكلەر بىلەن بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتىدە بولماسلىقى كىرەك.يەنى ھەر قايسى ئەمەلىي بۆلەك ئىمكان قەدەر مۇستەققىل بولىشى كىرەك.

مەقسەت : ئۆزئارا بىۋاستە مۇناسىۋەتنى ئازايتىش، بۆلەكلەر نىسپىي مۇستەققىل بولۇش.


6.تاق مەسئۇلىيەت (  单一职责原则 ا Single responsibility principle) پىرىنسىپى

مەنىسى : بىر بۆلەك ياكى بىر تۈر پەقەت بىرلا ئىقتىدارنى تاماملايدىغان بولۇش.ئىقتىدار تېخىمۇ كونكىرت بولۇش.مەسىلەن.رەسىم بىر تەرەپ قىلىش تۈرى مەخسۇس رەسىم بىر تەرەپ قىلىدۇ،ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىش تۈرى مەخسۇس ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىدۇ.

مەقسەت : قۇرۇلما ۋە ئىقتىدارنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ۋە ئاسراشقا قولايلىق يارىتىش .


تولۇقلىما 

كىيىنكى يازمىلىرىمدا  Design Patterns ا 设计模式 نىڭ كونكىرت تۈرلىرى ۋە ئەمەلىي مىساللىرى توغۇرلۇق توختىلىمەن . يۇقارقى مەزمۇنلار توردىن رەتلىنىپ تەرجىمە قىلىنغاچ بولغاچ ئاتالغۇلار ۋە چۈشەنچىدە بەلگىلىك يىتەرسىلىكلەر بولىشى مومكىن،كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ سەمىمىي تۈزۈتىش تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن.