Web ئاچقۇچىلار ئۈچۈن ئېسىل بىر قوللانمىلار توپلىمى دېتالى تەۋسىيە قىلىمەن.ئۇ بولسىمۇ zealdocs دۇر.ئاۋۋال zealdocs بىلەن تونىشىپ چىقايلى . zealdocs دېتالى بولسا خۇددى MacOS سىستېمىسىدىكى dash دېتالىغا ئوخشاش قورال بولۇپ،بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان html,css,js,jquery,angular.js,vue.js,php,mysql قاتارلىق پىروگرامما تېللىرىنىڭ قوللانمىسى جەملەنگەن،ئىزدەش قولاي،سۈرئىتى تىز..... ئىشقىلىپ ياخشى دېتالكەن.
ئاۋۋال zealdocs نىڭ ئورگان بېتىگە كىرىپ باقايلى . ئورگان بېتى : https://zealdocs.org/
zealdocs نىڭ Windows ,Linux,macOs سېستىمىلىرىغا ماس نەشىرى بار بولۇپ ،مەن بۇ يەردە Windows سىستېمامغا Windows نەشىرىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم.چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن دېتالنى قوزغاتساق تۆۋەندىكىدەك كۆرنۈش چىقىدىكەن.
بۇ چاغدا ئېزدەش رامكىسىغا خالىغانچە يېزىپ ئىزدەپ باقسام ھىشنىمە ئىچىلمىدى،چۈنكى ھازىر ھىچقانداق docs يوقكەن ئەمەسمۇ.
شۇڭا بىز Tools دىگەن تېزىملىكتىن
Docsets نى تاللاپ،ئاندىن Availale نى تاللاپ ئۆزىمىزگە لازىملىق قوللانمىلارنى قوساق بولىدۇ.
مەسىلەن مەن بۇ يەردە php ۋە laravel نىڭ قوللانمىسىنى چۈشۈرۈپ سىناق قىپ باقتىم.
شۇنىڭ بىلەن مانا كۆپلىگەن قوللانمىلارنى بىر يەردىلە ئىزدەيدىغان دېتالىمىز تەييار بولدى دىگەن گەپ،قانداق قولايمىكەن؟
بۇ توغۇرلۇق يەنە ئىزدىنىپ باقماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىلاردىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئۇچرىتىشىڭىز مومكىن.