ۋاقتىڭىز بىلەن ھېسابلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟

ئالدىنقى كۈنى يېڭى يىللىق ئارام ئېلىشتىن بىيجىڭغا قايتىش سەپىرىمدە ئايروپىلانغا ئىنتايىن تەييارلىقسىزلا چىقىپ قاپتىمەن. يا يانفۇنۇمغا يا كومپىيوتېرىمغا يا iPad تىمگە كىنو دىگەندەك بىرەر نەرسە قاچىلىۋالماپتىمەن. تېلفۇن، كومپىيوتېر ۋە iPad لەرنى تولۇق ئاختۇرۇپ چىقسام ھەممىسى پىروگراممىغا ئائىت دەرىسلىك. بۇ دەرىسلىكلەرنىڭ ئالدىنى نەچچە ئون قېتىم كەينىنى نەچچە قېتىم كۆرۈپ بولغان ياد بوپ كەتكەن دەرىسلىكلەر ئىدى. قېرىشقاندەك يا ئۇيقۇمۇ كەلمىدى. قانداق قىلىش كىرەك؟


 ئېسىمنى يىغسام بىر ۋاقلاردا iPad تىمگە 微信读书 دىگەن ئەپنى قاچىلىغاندەك يادىمدا. دەرھاللا قارىسام بىر نەچچە كىتابلار تۇرىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى غەملىۋاپتىكەنمەن (缓存). لېكىن تەپسىلىي قارىسام ھەممىسى يەنىلا پىروگراممىغا ئائىتلا كىتابلار. يەنە قارىسام يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىشىلەرنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش سەنئېتى (高效人士的时间管理艺术) ناملىق كىتابى تۇرىدۇ. تۇنجى قېتىم 微信读书 بۇ ئەپ شۇنچىلىك سۆيۈملۈك بېلىنىپ كەتتىكى ھەنىم بولسا ماڭا ھايات ھەققىدە ئويلانغۇدەك پۇرسەت ئاتا قىلدى 




  ئوقۇپ كېتىۋىتىپ تۆۋەندىكى قۇرلار مېنى نەچچە سائەت ئويلاندۇردى. بىز پروگراممېرلار ئادەتتە ئەمەلىي سانلىق-مەلۇماتلارنى ئىسپات قىلىپ سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىغىنىمىزدەك بۇ قۇرلاردا ۋاقىتنى سانلىق-مەلۇماتلارغا ئايلاندۇرۇپ بىزنى ئويغا ساپتۇ. 



  مەلۇم بىر ئادەمنى 80 يىل ئۆمۈر كۆردى دەپ پەرەز قىلايلى. ھەر كۈنى 8سائەت ۋاقتى ئۇخلاشقا سەرپ بولسا بۇ 80 يىلدا جەمئىي 233600سائەت يەنى تەخمىنەن 9733 كۈن، يەنى تەخمىنەن 26يىل 7 ئاي ۋاقىت ئۇخلاشقا سەرپ بولىدىكەن. دىمەك بۇ يەردە يەنە 53 يىل 5 ئاي ۋاقىت باشقا ئىشلار ئۈچۈن قالدى.


  بۇ ئادەم ھەر كۈنى ئەتتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تاماق يېيىشكە 30 مىنۇتتىن، كەچلىك تاماق يېيىشكە 1 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلسا بۇ 80 يىلدا جەمئىي 58400سائەت (2433كۈن، 6يىل 7ئاي) تاماق يەيدىكەن. دىمەك يەنە  46يىل 10 ئاي ۋاقىت باشقا ئىشلار ئۈچۈن قالدى.


  بۇ ئادەم يەنە ھەر كۈنى شەخسىي تازلىق (يۇيۇنۇش، تەرەت قىلىش) ئىشلىرى ئۈچۈن 1 سائ‍ەت ۋاقىت سەرپ قىلدى دىسەك بۇ 80 يىلدا جەمئىي 3يىل 4 ئاي ۋاقىتى كېتىدىكەن. دىمەك يەنە 43يىل 6 ئاي ۋاقىت باشقا ئىشلار ئۈچۈن قالىدىكەن.


  بۇ ئادەم يەنە ھەر كۈنى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن 3 سائەتتىن ۋاقىت سەرپ قىلدى دىسەك 80 يىلدا 87600 سائەت يەنى 10 يىل ۋاقتى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن كېتىدىكەن. دىمەك يەنە 33يىل 6 ئاي ۋاقىت باشقا ئىشلار ئۈچۈن قالىدىكەن. 


  بۇ ئادەم يەنە ھەر كۈنى ئىشقا بېرىش، ئىشتىن چۈشۈش، سەي-كۆكتات سېتىۋىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن 3 سائەتتىن ۋاقىت سەرپ قىلدى دىسەك 80 يىلدا يەنە 10 يىل ۋاقىت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرپ بولىدىكەن. دىمەك يەنە 23يىل 6 ئاي ۋاقت باشقا ئىشلار ئۈچۈن قالىدىكەن.


  بۇ ئادەم ھەر يىلدا ساياھەت، ئاغرىپ قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن 15 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلسا 80 يىلدا جەمئىي 3يىل 3 ئاي ۋاقىت سەرپ بولىدىكەن. دىمەك يەنە 20 يىل 3 ئاي ۋاقىت باشقا ئىشلار ئۈچۈن قالىدىكەن.


  دىمەك ئەگەر بىز 80 يىل ئۆمۈر كۆرەلىدۇق دىسەك ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، كەسپ جەھەتتىكى نىشانلىرىمىز ئۈچۈن تېرىشىشقا ئاران 20 يىل ۋاقىت بار ئىكەن. 



يۇقارقى سانلىق-مەلۇماتلار مېنى ئويلاندۇردى. بىز شۇنچىلىك خاتىرجەمكى ئاخشىمى ئۇخلىساق ئەتە سەھەردە ئويغىنىدىمىزغا شۇنچىلىك ئىشەنچىمىز بار. بىز شۇ دەرىجىدە غەمسىزكى ۋاقىت ھەرقاچان بار دەپ ئويلايمىز... ناۋادا 60 يىل ئۆمۈر كۆردۇق دىسەكچۇ؟ 50 يىل 40 يىل بوپ قالىسچۇ؟ بۇ دۇنيادىن مۇشۇنداق نام-نىشانسىزلا كىتەمدۇق؟


  ئۇتۇق قازانغان شەخىسلەر ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت ھەرگىزمۇ 25 سائەت ياكى 26 سائەت ئەمەس، ھەممىمىزگە ئوخشاش 24سائەت. ئۇنداقتا ئۇلار بىلەن پەرقىمىز نەدە؟ مەنچە پەرق - ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتىمىز بىلەن ھىساب قىلىشتا؛




مېنىڭ  بۇ يىللىق ھالقىلىق سۆزۈم - ۋاقىت بىلەن ھىساب قىلىش