Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Element رامكسى ئۈچۈن Element-Helper قىستۇرمىسى

Element-Helper بولسا Element رامكسى ئۈچۈن كود ئەسكەرتىش ،ئاپتوماتىك تولۇقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەمدە ئاچقۇچىلار قوللانمىسىنى ئۆزىدە بىللە ئىلىپ يۈرۈيدىغان قىستۇرمىدۇر . بۇ قىستۇرمىنىڭ ھازىرچە  Atom ۋە VS Code نى قوللايدۇ .


GitHub تۈر ئادرىسى : ElemeFE/element-helper

Atom نەشىرى : element-helper

VS Code نەشىرى : ElemeFE/vscode-element-helper


قاچىلاش ئۇسۇلى :

Atom دا قىستۇرما بازىرىدىن  Element-Helper ھالقىلق سۆزى ئارقىلىق ئىزدەپ قاچىلاشقا بولىدۇ .

VS Code دا قىستۇرما بازىرىدىن VSCode-Element-Helper ھالقىلق سۆزى ئارقىلىق ئىزدەپ قاچىلاشقا بولىدۇ .


ئىشلىتىش ئۇسۇلى : 

1.ئاچقۇچىلار قوللانمسىىنى ئىشلىتىش

مائۇسنى مەلۇم بىر Element خەتكۈچىگە توغۇرلاپ ياكى تاللاپ تۇرۇپ ctrl + cmd + z بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ماس خەكۈچنىڭ ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدىكى تەپسىلىي ئىزاھاتىغا ئېرىشىشكە بولىدۇ .


v2-0594ecc84aa2f0d6d3bbbcc4754fb69c_b.gif


2.ئاپتوماتىك كود تولۇقلاش

بۇ قىستۇرما Element خەتكۈچىلىرىنى ئاپتوماتىك ئەسكەرتىدۇ ۋە tab ئارقىلىق تولۇقلاشنى قوللايدۇ .


v2-6a5ea3f28ed7817c541e6e8fbea4f584_b.gif