Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Chrome قىستۇرمىسىنى قايتىدىن CRX ڧورماتىدا بولاقلاش

Chrome ئۈچۈن بىر قىستۇرما قاچىلاش ئىھتىياجى بوپ قالدى .Chrome نىڭ قىستۇرمىلىرى ئادەتتە google تور نامى ئاستىدىكى قىستۇرما بازىرىدا . كومپىيوتېر google تورىنى زىيارەت قىلالمايدۇ . قانداق قىلىش كىرەك؟ئەلۋەتتە شۇ google چىقالايدىغان بىرەسىنى ئىزدەپ قىستۇرمىنى چۈشۈرگۈزۈپ قاچىلاش ھۆججىتىنى ئەۋەتكۈزۈپ ئۆزىمىز يەرلىكتىن قاچىلاش ئۇسۇلۇنى قوللىنىمىزدە . شۇ زامانلا ئۈنۈمىنى كۆرىمىز .


ئەمدى شۇ google چىقالايدىغان بىرەسىنىڭ قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ بىزگە يوللاپ بىرىش جەريانىغا قاراپ باقايلى .  

0. كومپىيوتېرىمىز google تورىنى زىيارەت قىلالىشى شەرت جۇمۇ ھە ...

1. Chrome نىڭ قىستۇرما بازىرىدىن ئىھتىياجلىق قىستۇرمىنى ئىزدەپ تاپىمىز ۋە Chrome تور كۆرگۈچىسىگە قاچىلايمىز . ( بۇ يەردە قاچىلاشتىن باشقا ئامالىمىزمۇ ھەم يوق.) Chrome نىڭ قىستۇرما بازىرىدىن چۈشۈرگەن قىستۇرما قاچىلاش بولىقى ھالەتتە يەرلىككە چۈشمەستىن بەلكى بىراقلا توردىلا قاچىلىنىدىغان بولغاچقا ، قاچىلانغاندىن كىيىن يەرلىكتىكى ماس مۇندەرىجىدە قاچىلانغاندىن كىيىنكى قىستۇرما ھۆججەتلىرى پەيدا بولىدۇ . ئەمدى بۇنى قانداق قىلىپ قايتىدىن CRX ڧورماتىدىكى قاچىلاش ھۆججىتى قىلىپ بولاقلاش جەريانىغا كىلەيلى.


2. Chrome تور كۆرگۈچىسىنىڭ كىڭەيتىلمە قوراللار ۋە قىستۇرمىلارمەركىزىگە كىرىمىز . ( ئادرىس ئىستونىغا chrome://extensions/ نى بىسىپلا كىرسەكمۇ بولىدۇ) . ئاندىن بولاقلىماقچى بولغان قىستۇرمىنىڭ ID ئۇچۇرىغا قارايمىز . مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .


01.png


3. windows ئىشلەتكۈچىلەر C:\Users\Administrator\AppData\Local\Google\Chrome\User Data\Default\Extensions مۇندەرىجىسىدىن بايامقى ID غا ئاساسەن قىستۇرما مۇندەرىجسىنى تىپىشقا بولىدۇ . ئاندىن Chrome نىڭ قىستۇرما بولاقلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق يېشىۋىتىلگەن قىستۇرما مۇندەرىجسىنى قايتىدىن بولاقلاپ چىقىمىز . مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .


02.png


扩展程序目录 دىگەنگە بايامقى قىستۇرمىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز .


03.png


私有秘钥文件 دىگەن تۈرنى تاللىمىساقمۇ بولىدۇ . ئاندىن 打包扩展程序 نى باسساق بىزگە قىستۇرمنىڭ مۇندەرىجىسى ئاستىغا  CRX ڧورماتىدا بولاقلاپ تۆۋەندىكىدەك ھۆججەت چىقىرىپ بىرىدۇ . بىز CRX ھۆججىتىنى google غا چىقالمايدىغان كومپىيوتېرلاردا Chrome غا قاچىلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ .تامام


04.png


1ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
A13L1M17