Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Ubuntu سىستېمىسى ئۈچۈن Flatabulous ئۇسلۇبى قاچىلاش

ئۇبۇنتۇغىمۇ چىرايلىق ئۇسلۇب (主题) لارنى قاچىلاپ ئويناپ باقايلى ، مەن توردىن بۇ ئۇسلۇبنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.

flatabulous2.png


ئۇبۇنتۇغا ئۇسلۇب قاچىلاش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال  Unity Tweak Tool دېتالنى قاچىلىشىمىز كىرەك.بۇ دېتالنى قاچىلاش ئۈچۈن ئۇبۇنتۇ دېتال مەركىزىدىن ئىزدەپ قاچىلىساقمۇ ياكى تېرمىنالدا تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق قاچلىساقمۇ بولىدۇ.

  1. Unity Tweak Tool دېتالنى قاچىلاش

sudo apt-get install unity-tweak-tool

ناۋادا ئۇبۇنتۇ نەشىرى 16.04 ياكى بۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرى بولسا تۆۋەندىكى كود بىلەن قاچىلىساق بولىدۇ.

wget -q -O - http://archive.getdeb.net/getdeb-archive.key | sudo apt-key add -
sudo sh -c 'echo "deb http://archive.getdeb.net/ubuntu xenial-getdeb apps" >> /etc/apt/sources.list.d/getdeb.list'
sudo apt-get update
sudo apt-get install ubuntu-tweak


2.flatabulous-theme ئۇسلۇبىنى قاچىلايمىز.

sudo add-apt-repository ppa:noobslab/themes
sudo apt-get update
sudo apt-get install flatabulous-theme


3.Flat Icons سىنبەلگىلىرىنى قاچىلايمىز.

sudo add-apt-repository ppa:noobslab/icons
sudo apt-get update
sudo apt-get install ultra-flat-icons


4.ئاندىن Unity Tweak Tool دېتالنى قوزغىتىمىز.

01.png


 Theme دىگەن تۈردىن Flatabulous  ئۇسلۇبىنى تاللاپ بىرىمىز.


02.png


ئاندىن Icon دىگەن تۈردىن Ultira-flat نى تاللاپ بىرىمىز.


03.png


بۇ ۋاقىتتا ئۇبۇنتۇ سىستېمىمىزنى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىۋەتسەك ئاللا كارامەت!مۇندا چىرايلىق بوپ كەتتى دىگەن گەپ.


flatabulous3.png


flatabulous4.png


flatabulous5.png


قاچىلاش جەريانىدا مەسىلىگە يولۇقسىڭىز مەزكۇر تېما ئاستىغا ئېنكاس يازسىڭىز قولۇمدىن كېلىشچە مەسلىھەت بىرىمەن.