Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Git ھەققىدە (2) قاچىلاش ۋە دائىملىق مەشخۇلاتلار


Git نەشىر كونتىروللاش سىستېمسى ھەققىدىكى 2-يازمىمىزدا قاچىلاش ۋە كۆپ ئىشلىتىلدىغان مەشخۇلاتلار توغۇرلۇق توختىلمەن.


Git نەشىر كونتىروللاش سىستېمسى ھەققىدىكى ئالدىنقى يازما

Git ھەققىدە (1) دەسلەپكى چۈشەنچە 



1.قاچىلاش 

(1) Windows سىستېمىسىدا قاچىلاش 

 git-for-windows ئورگان تور بېكىتىگە كىرىپ ،windows نۇسخىدىكى git نى چۈشۈرۈپ ئادەتتىكى دېتال قاچىلىغانغا ئوخشاش قاچىلاش مەشخۇلاتى قىلساق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش : Windows سىستېمىسىدا Git نى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن Git ئۈچۈن مۇھىت پاراممىتىرى (环境变量) بېكىتىش كىرەك.يەنى Git قاچىلانغان مۇندەرىجە نامىنى سىستېمىنىڭ PATH قېممىتىگە قوشۇش زۆرۈردۇر.يېڭى نەشىردىكى Git ئۆزى ئاپتوماتىك مۇھىت پاراممىتىرى (环境变量) تەڭشەيدىغان قىلىنىپتۇ.ناۋادا ئاپتوماتىك تاماملانمىسا يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە ئۆزىمىز تەڭشىسەك بولىدۇ.


(2) linux مەشخۇلات سىستېمىسىغا قاچىلاش

بۇ يەردە linux مەشخۇلات سىستېمىسىنىڭ تېپىغا قارىتا قاچىلاش ئىلىپ بارساق بولىدۇ .مەسىلەن ubuntu دا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق git  نى قاچىلاشقا بولىدۇ.

sudo apt-get install git

باشقا تېپتىكى لىنۇكىس سىستېمىلىرىغا قاچىلاشمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ.


2.Git ئامبىرى قۇرۇش 

git init

يەرلىككە قۇرۇق git ئامبىرىنى دەسلەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىىلىدۇ.مەسىلەن 

oyghan@ubuntu:/var/www/html/gittest$ git init
Initialized empty Git repository in /var/www/html/gittest/.git/
oyghan@ubuntu:/var/www/html/gittest$ ll
total 12
drwxrwxr-x 3 oyghan oyghan 4096 May 22 00:39 ./
drwxrwxrwx 6 root   root   4096 May 22 00:38 ../
drwxrwxr-x 7 oyghan oyghan 4096 May 22 00:39 .git/
oyghan@ubuntu:/var/www/html/gittest$

يەرلىكتىكى /var/www/html/gittest مۇندەرىجە ئاستىغا بىر دانە قۇرۇق git ئامبىرى قۇرىۋالدۇق.


git clone

يىراقتىكى git مۇلازىمىتىىرىدىكى مەنبەنى يەرلىككە كېلونلاش.مەسىلەن 

oyghan@ubuntu:/var/www/html/gittest$ git clone https://github.com/oyghan/wechat-php-sdk.git
Cloning into 'wechat-php-sdk'...
remote: Counting objects: 1418, done.
remote: Total 1418 (delta 0), reused 0 (delta 0), pack-reused 1418
Receiving objects: 100% (1418/1418), 924.04 KiB | 157.00 KiB/s, done.
Resolving deltas: 100% (925/925), done.
Checking connectivity... done.
oyghan@ubuntu:/var/www/html/gittest$


git config

يەرلىكتىكى git ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرى ۋە git سىستېمىسى تەڭشەكلىرى.مەسىلەن.

git config --global user.name "oyghan"
git config --global user.email 7421633033@qq.com


git config --list

بارلىق تەڭشەكلەرنى كۆرۈش


مەلۇم بىر تەڭشەك قېممىتىنى كۆرۈش.مەسىلەن ھازىرقى ئىىشلەتكۈچى :

git config user.name



3. ئۆزگەرتىش ۋە ساقلاش

git add

ھازىرقى مۇندەرىجدىكى ئۆزگەرتىلگەن ھۆججەتلەرنى git ئامبىرىغا قوشۇش (يەرلىكتىكى).


git commit

تاپشۇرغان ئۆزگەرتىشلەرگە ئىزاھات قوشۇش


git status

ئامبارنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈش


git log

ئامبارغا تاپشۇرۇلغان خاتىرىنى كۆرۈش


git checkout

ھۆججەت ياكى تارماق تۈرگە ئالمىشىش 


git revert

ئۆزگەرتىشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش


git reset

git clean

ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى ھالەتكە قايتىش.


git branch

ھازىرقى branch نى كۆرۈش 


git checkout branchname

يېڭى branch كە ئالمىشىش


  • git merge

ھازىرقى ھالەتنى باشقا branch بىلەن بىرلەشتۈرۈش


git pull

مۇلازىمىتېردىن تارتىش


git push

تاپشۇرۇش