Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

GitHub بۈگۈن 10 ياشقا كىردى

2005 - يىلى Linux سىستېمىسىنىڭ بەرپاچىسى Linus Torvalds ئەپەندى Git نامىدا ئاددىي ۋە قوللىنىشچان نەشىر كونتىروللاش پىروگراممىسىنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە ئ‍وچۇق كودلۇق مەنبە سۈپىتىدە ئېلان قىلدى .شۇنىڭدىن كىيىن Git نەشىر كونتىرول قىلىش پىروگراممىسى كەڭ تارقىلىشقا ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى .


2008- يىلى 4-ئايدا سىلتىسي جىلغىسىدىكى ئۈچ نەپەر ياش Git تېخنىكىسىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىپ ، رەسمىي ھالدا GitHub تور بېكىتىنى ئېلان قىلدى . لىكىن ئەينا ۋاقتا ئۇلارمۇ GitHub نىڭ ھازىر ئېنتىرنىتتا  ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پىروگرامما ئاچقۇچىلار دۇنياسىغا ئايلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . كۆزنە يۇمۇپ ئاچقىچە مانا 2018-يىلى 4 -ئاي دەل GitHub نىڭ 10 ياشقا تولغان خاتىرە كۈنى بوپ قالدى .


تۆۋەندە بۇ 10 يىل جەريانىدىكى GitHub دا يۈز بەرگەن بىر قانچە ۋەكىل خارەكتىرلىك ۋەقەلەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى .


2008-يىلى 4- ئاينىڭ 3-كۈنى Ruby on Rails تۈرى كودىنى GitHub قا تاپشۇردى . بۇ تۈر GitHub دىن ئورۇن ئالغان تۇنجى تۈر بوپ قالدى .

2009-يىلى ئىجاد قىلىنغان بىت پۇلى كودى 2010-يىلى GitHub قا كۆچۈپ كىردى ۋە نۇرغۇنلىغان مەۋھۇم پۇل تۈرىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تۈرتكە بولدى .

2009-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى Node.js رەسمىي نۇسخىسى GitHub تا ئېلان قىلىندى ۋە JavaScript نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى . 2012 -يىلى JavaScript تىلى GitHub تا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن پىروگرامما تىلى بوپ قالدى .

2013-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى GitHub جەمئىي ئابونتى 3 مىليونغا يەتتى .

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى  Docker 1.0 تۈرى GitHub دا ئېلان قىلىندى .

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى مىكروسوفىت GitHub دا .Net سۇپىسىنى ئوچۇق كودلۇق قىلدى .

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى Python تۈرى GitHub دىن ئورۇن ئالدى .

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى گوگول شىركىتى ماشىنا ئۆگىنىش تىلى رامكىسى TensorFlow تۈرىنى ئېلان قىلدى.

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە GitHub قا ماكانلاشقان پايدا ئالمايدىغان ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار سانى 30 مىڭغا يەتتى .

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى GitHub قا 100مىلياردئىنجى قېتىملىق pull request تاپشۇرۇلدى .

2018-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى GitHub ئۆزىنىڭ 10 ياشقا كىرگەنلىك قۇتلۇق كۈنىنى كۈتىۋالدى .


مۇناسىۋەتلىك مەنبە : https://github.com/ten

2ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
heweskar Stilly
  • Ivan_Uy

    3 ھەپتە بۇرۇن
    تۇيۇقسىز يادىمغا كەپ قالدى، ئەگەر يۇرتتا GitHub قا چىقالمىغانلار بولسا Hosts ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. Hosts ھۆججىتىگە تۆۋەندىكى مەزمۇننى قوشۇپ ساقلاپ قويسىڭىز كۇپايە: #github 13.250.177.223 github.com 13.229.188.59 github.com 59.24.3.173 gist.github.com 59.24.3.173 gist.github.com 185.199.110.153 oyghan.github.io 185.199.111.153 oyghan.github.io Hosts ھۆججىتىنىڭ windowsدىكى ئورنى: C:\Windows\System32\drivers\etc\hosts Mac OS ۋە Linux دىكى ئورنى: /etc/hosts

    Stilly

    3 ھەپتە بۇرۇن

    ياخشى ئىنكاس بوپتۇ ماۋۇ 👍