Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

بىلوگىمنىڭ 3.0 نەشىرى بىلەن يەنە قايتىپ كەلدىم.



پىروگراممېرلىققا ھەۋەس قىلغاندىن تارتىپ مانا ئاز كەم بەش يىللىق پىروگراممېرلىق ھاياتىمدا ،مانا 3-قېتىم بىلوگىمنى يەنە ئاچتىم.ئالدىنقى قىېتىملارغا ئوخشىمايدىغان

يېرى شۇكى،بۇ قېتىم پىلان ۋە نىشاننى ئاساس قىلىپ قايتىپ كەلدىم.


ئېسىمدە قىلىشچە 2014~2015يىللاردا oyghan.me تور نامى بىلەن بىلوگ ئىچىپ يۈرگەنتىم.

باشقا ئالاھىدە ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئارمانلار ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كۆڭەل خوشى ئۈچۈن ئاچقان ئىدىم.

تور دۇنياسىدا كىچىك بولسىمۇ ئىناۋىتىم بولغاچ ،ئىناۋەتكە لايىق تور بېكىتىم بولمىسا سەت تۇرامىكى دەپ قالغان سەۋەبلەرمۇ بار ئىدى.مەيلى نىم دىمەيلى شۇ چاغدا بىلوگىچىلىق مودا بولغان ۋاقلار ئىدى.مىنىڭ بىلوگىممۇ ئاۋات بىلوگلاردىن ئىدى،كۈندە ئۆزەمدىن باشقىلار ئاساسەن كىرمەيتتى.


كىيىن بىلوگىمدا html ۋە css لەر ھەققىدە ۋېدىئو دەرىسلىك تارقاتنمۇ بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن خېلى بىر قىسىم پىنتوزىلىرىم كۆپىيىشكە باشلىدى.بىلوگىم بىر ئىككى ئېچىلماي قالسا "بىلوگىلىرى نىم بولدى ئويغان ئەپەندىم؟" دەپ ئىزدەيدىغانلارمۇ بولۇشقا باشلىدى.


ئۇندىن سەل كىيىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىلوگىمغا قارىغىلى خۇش ياقمىدى.خۇش ياقمىدى ئەمەس ،ئادەمنىڭ شۇنداق بىر چاغلىرى بولىدىكەن ھىچئىشقا خۇشياقمايدىغان بىر گاڭگىراڭ ۋاقلىرى.ئارلىقتا ئۆي ۋە خىزمەت ئارىسىدا قاتراپ مۇلازىمىتېر ۋە تور نامنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىننى ئۇقمايلا قالغان گەپ.شۇنىڭ بىلەن بىلوگ پىروگراممىسى ۋە ساندان ئەلەي-بەلەيلار بىراقلا يوق بولدىمۇ.ئاندىن ماڭىمۇ باھانە بوپ بەردى.مەيلىلا ،كىيىن تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئاچىمەن دەپ ئۆزەمگە تەسەللىي بەردىم.


بۇ ۋەقەلەردىن كىيىن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىپ قالدىم.ئالدى كەينى بىرەر يېرىم يىل خىزمەت قىلىپ،يا خىزمەتنىڭ چىڭى چىقماي،يا مىنىڭ دېڭىم چىقماي يەنە شۇ بۇرۇقتۇرمىچىلىق.دوسلىرىم ۋە ئۆزەمنىڭ ئۆزەمگە ئىلھام بېرىشلىرىم بىلەن ئاخىرى بىيجىڭغا كىلىپ php ئۆگىنىپ كەتتىم...

جىق گەپلەر قىسقارتىلدى...........



مانا،بىيجىڭدا تۇرۋاتقىلى 2 يىلدىن ئوشۇق،خىزمەت قېلىۋاتقىلى 1 يىلدىن ئوشۇق بوپتۇ.ئويلاپ قالدىم.ئۆگىنىپتىمەن،ئۆگىنىۋاتىمەن.نىمىشقا ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرى ۋە ئىش -پائالىيەتلىرىمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشمايمەن؟يازمىلىرىم بەلكىم بىر قىسىم ئۆگىنىش سەپىرىدە گاڭگىراۋاتقان،نىشان تاپالمايۋاتقان،تاپسىىمۇ ئىنىق بولمىغان كارۋانلارغا ئاز تولا بولسىمۇ پايدىسى تېگىپ قالار دەپ ئۇشبۇ بىلوگنى يەنە قايتا ۋۇجۇتقا كەلتۈردۈم.


تېما يېزىشنىڭ سالمىقىمۇ خېلى باركەن جۇمۇ!نىم يېزىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.ئىشقىلىپ يازمىلىرىمنىڭ ئىمكان بار سەۋىىيىلىك،قوللىنىشچان،ئىلمىيلىككە ئىگە بولىشىنى قوغلىشىمەن ھەم تېرىشىمەن،(بىرىنجى يازمامدىن باشقا ھە).شۇئار تەلەپپۇزى بوپ قالدى ھە...........