Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Git ھەققىدە (1) دەسلەپكى چۈشەنچە

بەلكىم Git دىگەن ئاتالغۇنى تولا كۆرۈپ كەتكەن بولىشمىز مومكىن.يەنە بەلكىم Git نىملىكىنى بىلمەسلىكىمىز ھەم ئىشلىتىشكە پۇرسەتمۇ بولمىغان بولىشى مومكىن،ھىچقىسى يوق ،بۇ يازمىمىزدا Git توغۇرلۇق ئازراق جۆيلىيمىز.


Git دىگەن نىمە ؟


Git بولسا تەقسىملەنمە (分布式) نەشىر كونتىروللاش سىستېمىسىدۇر.يەنى SVN گە ئوخشاش. بەلكىم  ئەمدى بۇ SVN  دىگەن نىمە دەپ ئويلاپ قىلىشىمىز مومكىن.SVN مۇ ئوخشاشلا نەشىر كونتىروللاش سىستېمىسى."نەشىر كونتىروللاش سىستېمىسى" دەپ جىق دەپ كەتتۇق ،ئۇنداقتا "نەشىر كونتىروللاش سىستېمىسى" (Revision control) دىگەن نىمە؟ بۇ ئاتالغۇغا ئاددىيلا ئېنىقلىما بەرسەك ، بۇ بىر خىل يۇمشاق دېتال ئىچىش جەرياندىكى ھاسىلات بولۇپ،ئوخشىمىغان نۇقتىدىكى ئاچقۇچىلار ئوخشاش بىر ھۆججەتكە تەڭ مەشخۇلات ئىلىپ بېرىشقا بولىدۇ.يەنى مەنبەنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان بىر يۇمشاق دېتال ئىچىش تېخنىكىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىنىشىدۇر.


نىمىشقا نەشىر كونتىروللاش سىستېمىسى (Revision control) ئىشلىتىمىز؟

1.ئوخشىمىغان نۇقتىدىكى ئاچقۇچىلار ئوخشاش بىر ھۆججەتكە نىسبەتەن ئۆز ئالدىغا مۇشخۇلات مۇھىتى قۇرۇپ خىزمەت قىلىش ئۈنۈمىگە يەتكەندىن سىرت ئەسلى مەنبەگە دەخلى قىلماسلىق مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ،

2.يۇمشاق دېتال ئىچىش جەريانى ۋە كودنى نەشىر ئايرىپ ساقلاشقا ۋە تەقسىملەشكە بولىدۇ.

...


ئەمدى گىپىمىزگە قايتىپ كىلەيلى،Git ۋە SVN ئوخشاشلا نەشىر كونتىروللاش سىستېمىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن قانداق پەرقى باردۇ دەپ ئويلىشىمىز مومكىن.


Git ۋە SVN نىڭ پەرقى

Git بولسا تەقسىملەنمە (分布式) نەشىر كونتىروللاش سىستېمىسى بولۇپ ،Git نىڭ يادرولۇق ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ تەقسىملەنمە (分布式) بولىشىدۇر.تەقسىملەنمە دىگەن نىم گەپ دەپ قىلىشمىز مومكىن.تەقسىملەنمە  دىگېنىمىز ئوخشاش بىر مەنبە (资源) نى ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشىمىغان نۇقتىدىكى ئورۇنلارغا تەقسىملەشنى ھەمدە ھەر قايسى نۇقتىلار ئارا ئۆز ئارا تەسىر قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ دەپ چۈشەندەك بولىدۇ.SVN نىڭ يادرولۇق ئالاھىدىلىكى توپلانما (集中化) نەشىر كونتىروللاش بولۇپ.ئوخشاشلا كۆپ نۇقتىدا مەنبەنى ئورتاقلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ لىكىن،مەركىزى مۇلازىمىتېردىن چاتاق چىقىپلا قالسدا قالغان تارماق مۇلازىمىتېرلارنىڭ خىزمېتى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.مانا بۇ SVN ۋە Git نىڭ نېگىزلىك پەرقىدۇر.


نىمىشقا Git ئىشلىتىمىز ؟

0.ئاقسالىق قىلىش ئۈچۈن.ھا ھا ھا.......

1.Git نىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئالاھىدىلىكى بولسا كۆپ ئادەم ھەمكارلىشىپ تۈر ئىچىش ۋە نەشىر كونتىروللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدىمىكى دەيمەن ئۆزەمچى.

2.تارماق يول (分支) نىڭ بولغانلىقىدا،ئومۇمىي قائىدىگە رىئايە قىلغان شەرت ئاستىدا ئۆز ئالدىمىزغا قائىدە تۈزۈپ ئىجرا قىلساق بولىۋىرىدۇ. 

3.تەقسىملىنىشچان (分布式) بولغانلىقى ئۈچۈن.باش مۇلازىمىتېردىن چاتاق چىققان ئەھۋال ئاستىدىمۇ تارماق مۇلازىمىتېرلارنىڭ خىزمىتى تەسرگە ئۇچرىمايدۇ.

4.تارماق مۇلازىمىتېرلارنىڭ خىزمىتىنى بىرلشتۈرۈشكە بولىدۇ.

ۋەھاكازلار...



كىيىنكى يازمىلىرىمدا Git ھەققىدە ئەمەلىي مەشخۇلاتلار ھەققىدە توختىلىمەن.پات ئارىدا  Git توغۇرلۇق ۋېدىئو دەرىسلىكىمۇ تەييار بولىدۇ.نەزىرىڭىز داۋاملىق تور بېكەتتىكى يېڭىلىقلاردا بولغاي.