Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Markdown بىلەن تونۇش ۋە ئىشلىتىش

Markdown دىگەن نىمە ؟

 Markdown بولسا ئىنتايىن يىنىك ۋە قولاي بىرخىل ھەرپ-بەلگە يېزىقى 「标记语言」 بولۇپ ، پىروگراممېرلار كۆپرەك ئىشلىتىمىز . Markdown ئۆزىنىڭ يېزىلىش ئاددىيلىقى ۋە ئىپادىلەشكە قولايلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بارغانسىرى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ ۋە ئاساسىي تەلەپكە ئايلىنىۋاتدۇ . ھازىر GitHub،StackOverFlow قاتارلىق چوڭ بېكەتلەردە ئېدىتور ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ . 


 نىمىگە ئىشلىتىمىز ؟

شۇ پىروگرامما ئارخىبى ، ئۆگىنىش خاتىرىسى، ئەلەي بەلەي تۆمۈر قەلەي ......  لەرنى يازغاندا ئىشلەتسەك بولىدۇ .(ئېدىتور ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دىمەكچىدە بۇ يەردە .)


مەركىزى نۇقتىسى 

يېزىش ئاسان ، ئوقۇش ئاسان ، ئىپادىلەش ئاسان

 Markdown تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى (گىرامماتىكا دەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ ئەسلى ، چۈنكى Markdown 

 تىلى پىروگرامما تېلى )نى ئىگەللەش ناھايتى ئاسان بولۇپ ، ئاساسلىق بىر قانچە ئىلمىنىتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقساقلا ئىھتىياجىمىزدىن تامامەن چىقىپ ئاشىدۇ .


 ئاساسلىق گىرامماتىكىسى

Markdown تىلى ئېلمىنىتلىرى چوڭ جەھەتتىن ئىككى خىل بولىدۇ ، يەنى block ئىلمىنىتلىرى ۋە inline دىن ئىبارەت . بۇ html دىكى ئېلمىنىتلارغا ئوخشاش بولۇپ ، قۇر ئىچى ئىلمىنىتلىرى ياكى بۆلەك ئىلمىنىتلىرى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .


block ئىلمىنىتلىرى

ماۋزۇ - 标题

نەقىل ئىلىش - 区块引用

تېزىملىك - 列表

كود بۆلىكى - 代码区块

سىزىق - 分隔线


قۇر ئىچى  ئېلمىنىتلىرى 

ئۇلىنىش - 链接

كۈچەيتىش - 强调

كود - 代码

رەسىم - 图片

جەدۋەل - 表格


باشقا ئېلمىنىتلار 

خەت نۇسخىسى توملىتىش ، يانتۇلىتىش ،ئۆچۈرۈش سىزىقى،


ئەمەلىي مىسال 


ماۋزۇ - 标题

Markdown دا ئادەتتە 1دىن 6 گىچە بولغان # بەلگىسىدە ئوخشاش بولمىغان ماۋزۇنى ئىپادىلەشكە بولىدۇ .


Markdown   دا > بەلگىسى ئارقىلىق نەقىل ئېلىش رايونى ھاسىللاشقا بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .

نەقىل ئىلش كۆپ قاتلاملىق نەقىل ئىلىشنىمۇ قوللايدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


تېزىملىك 列表

Markdown دا  '-' بەلگىسى ياكى * بەلگىسى  ئارقىلىق تەرتىپ نومۇرى يوق تېزىملىك ، ئەرەپ رەقىمى ئارقىلىق تەرتىپ نومۇرى بار تېزىملىك ھاسىللاشقا بولىدۇ .مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


01.png

كود بۆلىكى - 代码区块

Markdown دا كود بۆلىكى ھاسىللىغاندا ```` ``` بەلگىسى ئارقىلىق بىر قۇرلۇق ياكى كۆپ قۇرلۇق كود رايونى ھاسىللاشقا بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


02.png

سىزىق - 分隔线

Markdown دا ئۈچ تال سىزىق بەلگىسى ئارقىلىقلا گورزۇنتال سىزىق ھاسىللاشقا بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .

05.png




ئۇلىنىش - 链接

Markdown دا []() بەلگىسى ئارقىلىق ئۇلىنىش ھاسىللىنىدۇ ، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


06.png



رەسىم - 图片

Markdown دا ()[]! بەلگىسى ئارقىلىق رەسىم قىستۇرىمىز . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


07.png


جەدۋەل - 表格

Markdown دا جەدۋەل ھاسىللاش كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىدۇر . |---|---| ئارقىلىق جەدۋەل ھاسىللاشقا بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندە ئىككى ئىستونلۇق جەدۋەل ھاسىللاپ باقايلى .


08.png


يۇقارقىلاردىن باشقا Markdown دا  يەنە خەت توملىتىش ، يانتۇ قىلىش ، تاللاش رامكىسى ھاسىللاش قاتارلىق ئۈنۈملەرنىمۇ چىقارغىلى بولىدۇ .


09.png



Markdown توغۇرلۇق تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئىزدىنىش سىلەرگە قالدى ئەمسە . يىتەرسىزلىكلەر بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن .