Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Vue.js2.0 گە تۇنجى قەدەم


Vue.js  دىگەن نىمە ؟

ئەمەلىيەتتە Vue.js مۇ Bootstrap , Foundation ...قاتارلىقلارغا  ئوخشاش ئالدى يۈز رامكىسىدۇر . Vue.js نى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن html,css,javascript قاتارلىق ئاساسىي ئالدى يۈز بىلىملىرىنى ئىگەللىشىمىز  . node.js ۋە npm بولاق باشقۇرۇش قورالى ،webpack بولاقلاش قورالى قاتارلىقلارغا بولغان ئاساسىي چۈشەنچىمىز يىتەرلىك بولىشى كىرەك .


Node.js نى قاچىلاش 

windowsمۇھىتىدا  node.js ئورگان بېتى (https://nodejs.org/en) دىن ئەڭ يىڭى مۇقىم نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ، باشقا دېتاللارنى قاچىلىغانغا ئوخشاش next ،next next قىلىپ قاچىلىساق بولىدۇ.


02.png


 .Linux مۇھىتىدا ئەسلى كود ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ . مەسىلەن Ubuntu دا تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساق بولىدۇ .


apt-get update  
apt-get install -y python-software-properties software-properties-common  
add-apt-repository ppa:chris-lea/node.js  
apt-get update  
apt-get install nodejs


ئاندىن node -v ئارقىلىق node.js نىڭ نەشىرىنى تەكشۈرۈپ باقساق بولىدۇ . ئەمدى npm گە كەلسەك npm بولسا node.js مۇھىتىدىكى بولاق باشقۇرۇش قورالى بولۇپ ،node.js نى قاچىلىغاندىن كىيىن node.js مۇھىتىدا بىللە مەۋجۇت بولىدۇ ،شۇڭا node.js نى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن npm -v ئارقىلىق npm نەشىرىنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ .


01.png


Cnpm نى قاچىلاش

npm دىكى نۇرغۇن مەنبەلەر چەتئەل مۇلازىمىتىرىدا بولغاچقا npm دا بولاقلارنى قاچىلىغاندا قاچىلاش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستا بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .شۇڭە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن cnpm نى قاچىلىساق بولىدۇ . (يەنى npm نىڭ جۇڭگو رايونىدىكى مۇلازىمىتىرى ) قاچىلاش بۇيرۇقى تۆۋەندىكىدەك .


npm install -g cnpm --registry=https://registry.npm.taobao.org


قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن cnpm -v ئارقىلىق cnpm نەشىرىنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ .ئادەتتە cnpm بىلەن npm نەشىرى بىردەك بولمايدۇ ،بۇ ئەھۋال نورمال ھادىسە بولۇپ،ئوشۇقچە زىھىن ئىسراپ قىلىش ھاجەتسىز. يەنى cnpm بىلەن npm بۇيرۇقىنىڭ رولى ۋە ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش دەپ قارىساق بولىدۇ .


Vue نى قاچىلاش

 ئەمدى ھاياجانلىق پەيىتلەرگە كەلدۇق مانا . تېمىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان Vueنى قاچىلايمىز .

cnpm install vue


vue-cli نى قاچىلاش 

vue-cli بولسا ئورگان تەرەپنىڭ مەخسۇس Vue ئۈچۈن تەمىنلىگەن تېرمىنال قورالى بولۇپ ، تىز سۈرئەتتە ئۆلچەملىك Vue تۈرى قۇرۇش ۋە تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ .


# 全局安装 vue-cli
$ cnpm install --global vue-cli


webpack ئۇسلۇبى ئاساسىدا يېڭى تۈر قۇرۇش 

ئالدى بىلەن خالىغان بىر مۇندەرىجىدە (مەسىلەن my-project ھۆججەت قىسقۇچ ) تېرمىنالدا تۆۋەندەك بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.


03.png


vue init webpack my-project


ئاندىن تۈر ئىھتىياجلىق بارلىق ھۆججەتلەرنى قاچىلايمىز .


cnpm install


ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق vue تۈرىنى ئىجرا قىلىمىز .


cnpm run dev


مانا ،مانا ، Vue دىكى تۇنجى قەدەمنى مۇۋەپپەقيەتلىك بىسىۋالدۇق .


04.png