Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Yaf رامكىسى بلەن تونۇشۇش ۋە قاچىلاش

Yaf رامكىسى (Yet Another Framework) بولسا يەنە بىر يېڭى تىپتىكى php رامكىسى بولۇپ ، C تىلىدا يېزىلغان php كىڭەيتىلمە بۆلىكى (PHP扩展) شەكىلىدە خىزمەت قىلىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك رامكىدۇر.


Yaf رامكىسى باشقا php رامكىلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدىرەك بولۇپ،ئەڭ ئاددىي Yaf رامكىسىنى قاچىلاشنىڭ ئۆزىمۇ سەل ئاۋارىچىلىك .چۈنكى Yaf رامكىسى php كىڭەيتىلمە بۆلىكى (PHP扩展) شەكىلىدە خىزمەت قىلىدىغان ئالاھىدىلىكىنىڭ بولغانلىقىدا .


بۇ يەردە  php كىڭەيتىلمە بۆلىكىنىڭ گىپى بوپ قالدى . php كىڭەيتىلمە بۆلىكى دىگنىمىز pdo ,curl,php_opensll قاتارلىق php غا قوشۇمچە ئىقتىدار تەمىنلەيدىغان ئىقتىدار ئامبارلىرى دەپ چۈشىنىپ تۇرساق بولىدۇ.


ئۇنداقتا تېمىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى Yaf رامكىسىغا قايتىپ كىلەيلى .ئاۋۋال Yaf رامكىسىنى قاچىلاش توغۇرلۇق توختىلايلى .


1.يەرلىكتىكى php مۇھىت : phpstudy2016 دېتالى ۋە php5.5 نەشىرى

2.تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ yaf رامكىسىنىڭ dll ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.ئۆزىمىزنىڭ php نەشىرىگە ماس كىلىدىغاننى تاللاپ چۈشۈرىمىز،

http://pecl.php.NET/package/yaf

مەن بۇ يەردە  php5.5 نەشىرى ئۈچۈن yaf رامكىسىنىڭ 2.3.5 نەشىرلىك dll ھۆججىتىنى چۈشۈردۈم.

 http://pecl.php.net/package/yaf/2.3.5/windows

چۈشۈرگەن  dll ھۆججىتىنى ھازىرقى php نەشىرىنىڭ ext مۇندەرىجىسى ئاستىغا قويىمىز. بۇ يەردە مەن ئىشلەتكەن php دېتالى phpstudy بولغاچ ،ماس نەشىردىكى php نەشىر مۇندەرىجسىگە قويدۇم ،مەسىلەن مىنىڭ ھازىرقى php نەشىرىم 5.5 ،شۇڭا تۆۋەندىكى ئادرىسقا قويدۇم.

D:\phpStudy\php55\ext



3.ئاندىن php.ini ھۆججىتىگە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارىمىز.php.ini ھۆججىتىگە يېڭىدىن extension تەڭشىكى قوشىمىز،يەنى تۆۋەندىكىدەك .

extension=php_yaf.dll

ئاندىن يەنە مۇشۇ php.ini ھۆججىتىگە yaf تەڭشەك بۆلىكى قوشىمىز ،تۆۋەندىكىدەك 


[yaf]

yaf.use_namespace = 1

yaf.environ = "product"

ئاندىن apache نى قايتا قوزغىتىپ phpinfo نى كۆرۈپ باقىمىز.phpinfo  دە yaf كىڭەيتىلمە بۆلىكى پەيدا بولغان بولسا yaf كىڭەيتىلمە بۆلىكىنى قاچىلاش تاماملانغان بولىدۇ.مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .




بۇ باسقۇچ ئىنتايىن مۇھىم ،yaf كىڭەيتىلمە بۆلىكى yaf رامكىسىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرىدىغان نىگىز قىسىم بولۇپ ،بۇ بۆلەك قاچىلانماي تۇرۇپ yaf رامكىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش مومكىن بولماي قالىدۇ.



4.yaf رامكىسىنىڭ ئەسلى ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.

github ئادرىس : https://github.com/laruence/yaf

يەرلىكتىكى php مۇھىتى بار خالىغان مۇندەرىجىگە قويۇپ،تېرمىنالدا yaf مۇندەرىجىسىگە كىرىپ ، git نىڭ php5 شاخچىسىگە ئالمىشىمىز،بۇ باسقۇچ مۇھىم ،چۈنكى بىزنىڭ php نەشىرىمىز php 5.5 ,شۇڭا  git نىڭ php5 شاخچىسىگە ئالمىشىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

ئاندىن yaf مۇندەرىجسى ئىچىدىكى tools/cg مۇندەرىجىسگە كىرىپ php yaf_cg sample بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز،

تېرمىنالدا DONE كۆرۈنسە دىمەك yaf رامكىسى غەلبىلىك قاچىلانغان بولىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا yaf مۇندەرىجىسىدە output ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ پەيدە بولۇپ ئىچىگە sample ناملىق  yaf تۈرى ھاسىل بولىدۇ ،بىز بۇ   sample ناملىق ھۆججەت قىسقۇچنى php مۇھىتى باش مۇندەرىجىسگە قويۇپ زىيارەت قىلىمىز .مەسىلەن http://localhost/sample/ .تور كۆرگۈدە Hello World! I am Stranger خېتى كۆرۈنسە ،دىمەك رەسمىي يوسۇندا yaf رامكىسىنى قاچىلىۋالدۇق دىگەن گەپ 


يۇقارقى باسقۇچلار مىنىڭ ئەمەلىي قاچىلاش جەريانىمدىكى تەجىربىلىرىم بولۇپ ،تورداشلارنىڭ yaf رامكىس توغۇرلۇق ئىزدىنىشلىرىگە ياردىمى بوپ ققالارمىكى دەپ تېما يوللاپ ئولتادىم مانا . چۈنكى قاچىلاش باسقۇۇچىنىڭ ئۆزىلا بىزنى بىزار قىلىدىغان بولۇپ ئاسانلا بەل قويۋىتىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.لىكىن مەن بەل قويۋىتەي دىسەممۇ ئىلاج يوق،چۈنكى شىركەتنىڭ يېڭى تۈرى مۇشۇ رامكىدا قىلىنىدىكەن .ھەي مەن دەردىمنى توكمەي بولدى،پىروگراممىر بومماق مۇشتا تەس .


 

1ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
A13L1M17