Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Ubuntu دا Chrome ۋە FireFox ئۈچۈن flash player قاچىلاش

Ubuntu مەشخۇلات سىستېمىسىدا Chrome ياكى FireFox تور كۆرگۈچىسىدە كىنو فىلىملەر ۋە ياكى باشقا ۋېدىئولارنى كۆرمەكچى بولساق flash player نىڭ يوق بولىشى ئادەمنى تولىمۇ بىزار قىلىدىغان ئىشلرنىڭ بىرى.بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلىۋىتەيلى.


1.ئۇبۇنتۇنىڭ سىستېما تەڭشىكى كۆزنىكىگە كىرىپ ،دېتال ۋە يېڭىلانمىلار دىگەن تۈرنى ئاچايلى.

step1.png


2.ئاندىن Other Software تۈرىنى تاللاپ،بۇنىڭ ئىچىدىن Canonical Partnes دىگەن تاللاشنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويايلى.

step2.png


بۇ ۋاقىتتا بىزدىن پارول تەلەپ قىلىدۇ.پارولنى كىرگۈزۈپ بۇ كۆزنەكنى تاقايمىز.

step3.png


يەنى ئاستى تەرەپتكى Close نى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش رامكىسى كۆرۈنىدۇ.بۇ ۋاقىتتا بىز Reload نى تاللايمىز.

step4.png


بۇ ۋاقىتتا يېڭىلانمىلارنى يېڭىلاشنى باشلايدۇ.بۇ جەريانغا سەل ئۇزاق ۋاقىت كىتىشى مومكىن،جىق ئەمەس بىر نەچچە مىنۇت ئەتراپىدا.بىز مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىلوگتىكى باشقا تېمىلارنى كۆرگەچ تۇرساق بولىدۇ.

step5.png


يېڭىلاپ بولغاندىن كىيىن تېرمىنالدا قاچىلاش ئىلىپ بارىمىز. يەنى

sudo apt install adobe-flashplugin

پارولنى كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۇرىمىز.

step6.png


ئاندىن تۆۋەندىكى باسقۇچتا Y نى بىسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.

step7.png


سەل ساقلىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك ھالەت كۆرۈنگەندىن كىيىن بىزنىڭ قاچىلاش مەشخۇلاتىمىز غەلبىلىك بولغان بولىدۇ.

step8.png


ئىش تۈگىمىدى تېخى.ئەمدى تور كۆرگۈچنى ئىچىپ بىرە فىلىم ياكى كىنو ياكى.....ئىشقىلىپ  بىر نىمە قويۇپ سىناپ باقىمىز.مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك.


سىستېمىغا flash player قاچىلاشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىدى.

no-flash.png


ئەمدى flash player قاچىلىغاندىن كىيىن مۇنداق بولدى.

has-flash.png


كىچىك ئىشلاركەنغۇ دەپ قالماڭ، لىكىن دائىم ئۇچرايدىغان ئىشلار بۇ .