Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

钉钉 نىڭ ماشىنا ئادەم ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش

钉钉 ھازىر خىزمەت جەريانىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنىڭ بېرى بوپ قالدى ، بوپمۇ ما ئىچكىرى تەرەپلەردە خىزمەت جاريانىدا ئاساسەن 钉钉 ئارقىلقلا ئىش بىجىرىمىز. مەسىلەن پاراڭلىشىش ، تېلفۇن تېلىۋىزىيە يېغىنى ئېچىش ، ھۆججەت يوللاش ... ۋەھاكازلار .


钉钉 دېتالى پىروگرامما ئاچقۇچىلار ئۈچۈن كۆپلىگەن قولاي ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ ، ئۆزىمىزنىڭ تۈرىگە ئاسانلا 钉钉 ئىقتىدارى قوشۇش ئارقىلىق تۈرنى نازارەت قىلىش ، شۇزامان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ بىرەلەيدۇ .مەسىلەن 钉钉  ماشىنا ئادىمى . تۆۋەندە مەن 钉钉  نى مەزكۇر تور بېكەتتە پايدىلانغان كىچىككنە ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .


تەييارلىق خىزمەت 

بىلوگ پىروگراممىسى laravel بولغاچ ، 钉钉 ماشىنا ئادىمنىڭ laravel قىستۇرمىسى (package) نى قاچىلىدىم . 

composer require wangju/ding-notice

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قىستۇرمىنىڭ تەڭشەك ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىمىز .

php artisan vendor:publish --provider="DingNotice\DingNoticeServiceProvider"



تەكشەك 

ئاندىن laravel نىڭ env. ھۆججىتىگە تۆۋەندىكى تەڭشەك پاراممېتىرلىنى قوشىمىز .

DING_ENABLED=true
DING_TOKEN=you-push-token


بۇ يەردىكى DING_ENABLED بولسا بۇ مۇلازىمەتنى قوزغىتىشنى ئىپادىلەيدۇ . DING_TOKEN بولسا 钉钉 ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاشتا ئىشلىتىدىغان token . بۇ token غا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا ئېرىشىمىز . ئاۋۋال 钉钉 دا بىر توپ قۇرىمىز (كۇ كۇ ، ۋېيشىن توپلارغا ئوخشاش گەپ ، 钉钉 ئاكونتىڭىز بولمىسا تېزىملىتىڭ ، دىمىسەكمۇ بولىدىغان گەپلەر ئەسلى بۇ ). ئاندىن توپنىڭ ماسىنا ئادەم دىگەن يېرىدىن تۆۋەندىكى تۈرنى تاللاپ ، ئۆزىمىزنىڭ ماشىنا ئ‍ادەم تەڭشىكىمىزنى ھاسىل قىلىمىز . 


01.png


يېڭى ماشىنا ئادەم قوشۇشنى تاللايمىز .


02.png


بۇ يەردىن ئۆزىمىزنىڭ ماشىنا ئاەم تۈرىنى تاللاپ ،  يېڭى ماشىنا ئ‍ادەم قوشىمىز 


03.png


ئەڭ ئاخىردا تۆۋەندىكى كۆزنەكتىن  webhook ئادرىسىدىكى token قىممىتىنى كۆچۈرۈپ ئىلىپ laravel نىڭ env. ھۆججىتىگە قويساق بولىدۇ . 

04.png



ئىشلىتىش 

يۇقارقى ئىككى باسقۇچ ئارقىلىق 钉钉 ماشىنا ئادىمىنى ئىشلىتىش تەييارلىقلىرى تۈگىدى . ئەمدى تۈرنىڭ مۇۋاپپىق لوگىكىلىق مەشخۇلاتى جەريانىدا ئىشلەتسەكلا بولدى دىگەن گەپ . مەن بۇ يەردە يازمىغا يېڭى ئىنكاس چۈشكەن ھامان ماڭا 钉钉 دا ئۇچۇر يوللايدىغان قىلدىم .شۇنىڭ بىلەن دەرھال بېكەتكە كىرپ ئىنكاسلارنى تەستىقلىيالايمەن ، دىمەك سىلەر بېكەتكە ئىنكاس يازساڭلار تەستىقلىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇنغا قالمايدۇ دىگەن گەپ . مەسىلەن تۆۋەندىكى كود ۋە ئۈنۈم رەسىمگە قارايلى .


/**
 * 发送钉钉信息
 */
$title = "用户【 ".$comment->user->name." 】提交了新评论,请您审核!";
$text = $post->title;
$picUrl = $comment->user->avatar;
$messageUrl = route('posts.show', $post->slug);

ding()->link($title,$text,$messageUrl,$picUrl);

return redirect()->back();



05.png


قىستۇرما ھەققىدە 

مەزكۇر قسىتۇرمىنىڭ github تۈر ئادرىسى تۆۋەندىكى بولۇپ ، قىززىققۇچىلار تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىپ باقساڭلار بولىدۇ . مەسىلىلەر بولسا مەزكۇر تېمىدا پىكىرلەشسەك بولىدۇ .

https://github.com/wowiwj/ding-notice




2ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
VicTor731 يانتاق
  • ئىزقۇت

    3 ئاي بۇرۇن
    ھەر قانداق php پروگراممىلىرىغا ماس كىلەمدۇ بۇ؟

    Stilly

    3 ئاي بۇرۇن

    باشقا php پىروگراممىسدا ئىشلەتمىكچى بولسىىز 钉钉 نىڭ ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدىن مۇناسىۋەتلىك api دىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ .
  • VicTor731

    3 ئاي بۇرۇن
    ھە راس بۇ ماشىنا ئادەمنى سالۇنغا ئورناتساق قانداق بۇلىدۇ بۇلامدۇ بولمامدۇ ؟ مەسىلەن (سالونغىلا خەت يازسا ماشىنا ئادەمنى بەيدۇغا ئىزدەش ماتورىغا ئۇلىساق سالۇندا بىرەر سۇئال سورىسا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللاپ بىرىدىغانغان)

    Stilly

    3 ئاي بۇرۇن

    ئۈندىدار سالونىغا ئۇلاشقا بولامدۇ يوق ئۇقمىدىم ،چۈنكى سالون توغۇرلۇق جىق ئىزدىنىپ باقمىدىم . سالوننىڭ شۇنداق api سى بولسا بەلكىم بولارمىكن .
  • يانتاق

    2 ئاي بۇرۇن
    دىڭ دىڭنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. ۋاقتىم چىققاندا مەنمۇ بۇ توغۇرلىق بىلىدىغانلىرىمنى ھەمبەھىرلەي

    Stilly

    2 ئاي بۇرۇن

    شۇنداق . بۇ پەقەت ئاددىيلا بىر مىسال خالاس ؛ سىزنىڭمۇ بىلىملىرىڭىزنى ھەمبەھىرلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن