Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

MySql ئۆگىنىش 1 - MySql ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە


MySql ئۆگىنىش خاتىرىسى (1-كۈن)


ئاۋۋال MySql غا ئېنىقلىما بەرسەك،MySql بولسا بىرخىل ساندان ئامبىرى تىپى بولۇپ،خۇددى Amazon Aurora、Oracle、Microsoft SQL Server、PostgreSQL لارغا ئوخشاش سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئامبىرىدىن ئىبارەت.

SQL نىڭ تولۇق ئاتىلىشى Structure Query Language بولۇپ،قۇرۇلمىلىق ئىزدەش تىلى (结构化查询语言) دىگەندەك مەنىسى بار.SQL تىلى 1970-يىللىرى ئالدى كەينىدە IBM شىركىتى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان .


تېخىمۇ تەپسىلىيراق قىلىپ ئىيتقاندا SQL جۈملىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.


(1) DDL .يەنى (Data Definition Languages) جۈملىسى.

DDL جۈملىسى ئاساسلىقى ساندان قۇرۇلمىلىرى (جەدۋەل،قۇر،ئىستون،ئامبار...) نى قۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.مەسىلەن create,drop,alter قاتارلىق بۇيرۇقلار DDL جۈملىسىگە تەۋە.


(2) DML. يەنى (Data Manipilation Language)جۈملىسى.

DMLجۈملىسى ئاساسلىقى سانلىق مەلۇماتقا قارىتا مەشخۇلات جۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن قوشۇش(insert)،ئۆچۈرۈش(delete)،يېڭىلاش(update)،تەكشۈرۈش(select)قاتارلىق بۇيرۇقلار DMLجۈملىسىگە تەۋە.


(3) DCL.يەنى (Data Control Language) جۈملىسى.

DCL جۈملىسى ئاساسلىقى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئىشلەتكۈچى ۋە ئىشلەتكۈچى ھوقۇقى ۋە ھوقۇق تەقسىماتىغا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك مەشخۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان مەشخۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن ،يېڭى ئىشلەتكۈچى قوشۇش،ھوقۇق تەقسىملەش دىگەندەك.grant,revoke قاتارلىق بۇيرۇقلار دەل DCL جۈملىسىگە تەۋە بۇيرۇقلاردۇر.


يۇقارقىلار ئاساسەن قۇرۇق گەپلەر بولسىمۇ لىكىن چۈشىنىپ قويغاننىڭ زېيىنى يوق.كىيىنكى تېمامدا DDL،DML،DCL ھەققىدە قەدەممۇ قەدەم تەپسىلىي توختىلىمەن.

1ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
A13L1M17