Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

phpstrotm دا ubuntu مۇلازىمىتېرغا ئۇلاش

ئادەتتە بىز پىروگرامما ئاچقان ۋاقتىمىزدا يەرلىكتە پىروگرامما يېزىپ بوپ،سىناپ بوپ ئاندىن مۇلازىمىتېرغا يوللاپ ئېلان قىلىش ھەممىز ئادەتلىنىپ كەتكەن نورمال باسقۇچلاردۇر.ئەمدى بىنورمال باسقۇچلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقايلى.


phpstrotm نىڭ يېڭى نەشىرلىرى ھازىر ئالامەت قولاي ھەم بەك ئىقتىدارلىق بوپ كىتىپتۇ دەيمە خالايىق.بولۇپمۇ ھازىر جىق پىروگرامما ئېچىش رامكىلىرى ئاساسان تېرمىنالغا تايىنىدىغان زامانلاردا ياخشى بىر IDE تاللاشمۇ زۆرۈر بوپ قالدى.phpstrotm  نەق مۇشۇنداق ئىشلارغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ.


 بايقايدىغان بولساق phpstrotm دا ئادەتتە كودلا يېزىش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە باشقا قوراللارنىمۇ ئۆزىگە جەملىگەنلىكىنى بايقايمىز.مەسىلەن Git,SVN قاتارلىق نەشىر كونتروللاش ئىقتىدارلار.


بۇ يازمىمىزدا phpstrotm  يەنە بىر ئىقتىدارى يىراقتىن ubuntu مۇلازىمىتېرغا ئۇلىنىش ئىقتىدارى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى .phpstrotm  دا مۇلازىمىتېرغا ئۇلاش بىلەن سىستېمىنڭ ئۆزىنىڭ تېرمىنالىدا ئۇلىغاننىڭ نىمە پەرقى بار دەپ ئويلاپ قىلىشمىز مومكىن.پەرقى بار،تېرمىنالدا ئۇلىغانغا قارىغاندا phpstrotm   دا ئۇلىساق،ئەڭ پەيزى بىۋاستە مۇلازىمىتېردىكى ھۆججەتلەرگە قارىتا تەھرىرلەش ئىلىپ بارالايمىز.phpstrotm    نىڭ تەڭشەش، ئاپتوماتىك كود ئەسكەرتىش،كود تولۇقلاش،خاتالىق تەكشۈرۈش...... ئىشقىلىپ ئەلەي بەلەي ئىقتىدارلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايمىز.

قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ گەپنىڭ پوس كاللىسىنى قىلايلى.


  1. phpstrotm  دا Settings قا كىرىپ Deployment نى تاللاپ تۆۋەندىكى ئورۇننى ئاچايلى.

phpstrom1.png


2.ئاندىن Name گە بىر ئىسىم قويايلى،مەسىلەن oyghan-server دىگەندەك.ئاندىن Type تۈرىگە ئۆزىمىز ئۇلىىماقچى بولغان شەكىلنى تاللايلى.مەسىلەن ftp ،sftpۋە ياكى ssh دىگەندەك.ئاندىن ok نى بىسىپ تاماملايمىز.


3.ئاندىن oyghan-server دىگەن تۈرنى تاللاپ،تور نامىڭىز ياكى مۇلازىمىتېر ip سىنى،ۋە ئىشلەتكۈچى ،پارول قاتارلىقلارنى تولدۇرغاندىن كىيىن Test Connetction نى بىسىپ سىنايمىز.مەسىلەن تۆۋەنكى رەسىمدىكىدەك.

phpstrom2.png


دىمەك مۇلازىمىتېرغا ئۇلىنىش غەلبىلىك بولدى دىگەن گەپ.


4.ئەمدى مۇلازىمىتېرغا كىرىپ كود تەھرىرلەشنى سىناپ باقايلى.

تېزىملىك ئىستونىدىكى Tools دىن Deployment نى تاللاپ ،ئاندىن browse Remote Host تۈرىنى تاللايمىز.تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

phpstrom3.png


5.بۇ چاغدا ئوڭ تەرەپتە سىزنىڭ مۇلازىمىتېرىڭىزنىڭ نامى كۆرۈنىدۇ،مەشخۇلات قىلماقچى بولغان ھۆججەت قسقۇچ ياكى ھۆججەتنى قوش چىكىپ تەھرىرلىگۈچتە ئىچىپ تەھرىرلەشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.تۆۋەندىكىدەك.

phpstrom4.png

قېنى سىزمۇ بۇ  ئىقتىدارنى سىناپ بىقىڭ،چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.