Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Vue.js 2.0 دە Http نى بىر تەرەپ قىلىش

Vue.Js نىڭ 2.0 نەشىرىدىن باشلاپ ئورگان تەرەپ Http مەشخۇلاتى ئۈچۈن ئەسلىدىكىvue-resource نى قوللاشتىن توختاپ axios نى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى . axios  بولسا promise نى يادرو قىلغان Http مەشخۇلاتى بولاقچىسى بولۇپ ، تور كۆرگۈچ ۋە node.js مۇھىتىدا خىزمەت قىلالايدۇ .


قاچىلاش 

npm ئارقىلىق قاچىلاش 

$ npm install axios


bower ئارقىلىق قاچىلاش 

$ bower install axios


cdn مەنبەسىنى ئىشلىتىش 



 تەڭشەش 

ئاۋۋال axios نى تۈر باش ھۆججىتى (main.js) گە ئەكىرىمىز .

import Axios from 'axios'


ئاندىن axios نى Vue.js نىڭ پۈتۈن دائىرلىك خاسلىقى (全局属性) قىلىپ بەلگىلەيمىز .

Vue.prototype.Axios = Axios


ئاندىن تۈرنىڭ خالىغان يىرىدە axios نى ئىشلىتەلەيمىز . مەسىلەن تۆۋەندىكدەك .

this.Axios.post('http://local_laravel.dev/article/list')
	.then((response) => {
	  console.log(response);
	})
	.catch((error) => {
	  console.log(error);
	});


axios ھەققىدىكى تېخىمۇ تەپسىلىي ئارخىبلار بۇ يەردە 

https://github.com/axios/axios