Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

توردا رەسىم بىر تەرەپ قىلىشقا بىرنەچچە تەۋسىيە تور بېكەتلەر

بۇ يازمىدا توردا رەسىم بىر تەرەپ قىلىش (كىچىكلىتىش ، فورمات ئايلاندۇرۇش ،تامغا بېسش ) تا ئەپچىل قوللىنىشقا بولىدىغان بىر نەچچە تور بەتنى تەۋسىيە قىلىمەن .


TinyPNG

TinyPNG بولسا مەن دائىم ئىشلىتىدىغان تور بەتلەرنىڭ بىرى . ئادەتتە مۇشۇ تور بەتكە يوللايدىغان رەسىملەرنى مۇشۇ يەردە بىرقىتىم كىچىكلىتىپ ئاندىن يوللايمەن .TinyPNG دا رەسىمنى توپلام ھالدا بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ ھەم بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 دانە رەسىم بىر تەرەپ قىلىشنى قوللايدۇ ۋە بولاقلاپ چۈشۈرۈشكە بولىدۇ . TinyPNG نىڭ يەنە تور كۆرگۈچ قىستۇرما نۇسخىسى بولۇپ ،تور كىرگۈچكە قىستۇرما شەكلىدە قاچىلاپ ئىشلىتىشمۇ يامان قولايلىق .


Optimizilla

Optimizilla مۇ TinyPNG دىن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ . بۇ تور بەتنىڭ ھەر قايسى دۆلەت تىللىرىدىكى نۇسخىسى بولۇپ بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشكەن تور بەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . بۇ توربەتنىمۇ سىناق باقساڭلار بولىدۇ .


压缩图

بۇ تور بەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى سەت بولىشىغا قارىماي ئىقتىدارى خىلى بوپ قويىدۇ . بۇ تور بەت قوللايدىغان رەسىم تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ ،ھەم رەسىم كىچىكلىتىش ئۈنۈمى خىلى كۆڭۈلدىكىدەك . بەزىدە رەسىمنى 50% دىن ئارتۇق ئۈنۈم بىلەن بىر تەرەپ قىپ قويۇشلىرى بار تېخى . 


图好快

بۇ تور بەت مەن ئەڭ بۇرۇن ئۇچراشقان ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تور بەتلەرنىڭ بىرى . ئىقتىدارىلىرى مەن ئەڭ رازى بولغانلارنىڭ بىرىسى . تۈر يۈزىدە رەسىم بىر تەرەپ قىلىشنى قوللاپلا قالماستىن يەنە كۆپ ئۇچرايدىغان پىروگرامما تىلىرىنىڭ api لىرى بار تېخى . يامان يىرى يېقىندىن بىرى ھەقلىق قىلىۋاپتۇ ئەمەسمۇ . لىكىن ھەقىقەتەن تەۋسىيىلەشكە ئەرزىيدۇ .


قېنى سىلەرمۇ ئۆزۈڭلار بىلىدىغان تور بەتلەرنى ئورتاقلاشقاچ يۇقارقى مەنبەلەرنى ئۆۈڭلارنىڭ ئىھتىياجىغا بىقىپ سىناپ باقمامسىلەر .


1ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
A13L1M17