Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Ubuntu دە Mysql سانداننى يەرلىك بىلەن ماس قەدەملەش

بۇ  يازمامدا ئالىيۈن بۇلات مۇلازىمېتىرى (ESC)دىكى Ubuntu مۇھىتىدا  Mysql سانداننى يەرلىكتىكى ساندان  بىلەن ماس قەدەملەش(同步) نى ئورتاقلاشماقچىمەن.


مەن ئاۋۋال ئالىيۈن بۇلات مۇلازىمېتىرى (ESC) گە  Ubuntu 14 مۇلازىمىتېر نۇسخسىنى قاچىلىدىم.چۈنكى Lunix سىستېمىلرىنىڭ ئچىدە كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنىدىغىنى مۇشۇ.مەن php پىروگراممىسى ئىجرا 

قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمىتېرغا LAMP مۇھىتى قاچىلىغان.LAMP مۇھىتى قاچىلاشنى بۇ يەردە توختالمايمەن.LAMP دىكى M يەنى MySql سۈكۈت ھالەتتە يىراقتىن ئۇلىنىش (远程连接) ئىقتىدرى ئېچىلمىغان ھالەتتە بولۇپ،بىز ئاۋۋال بۇ ئىقتىدارنى ئېچىشىمىز كىرەك.


تەپسىلات:

  1. تېرمىنالدا مۇلازىمېترغا كىرىپ /etc/mysql مۇندەرىجە ئاستىدىكى my.cnf ناملىق ھۆججەتكە تەھرىرلەش ئېلىپ بارىمىز.


sudo vim /etc/mysql/my.conf

01.png

تەھرىرلەشكە كىرگەندىن كىيىن bind-address           = 127.0.0.1 نى ئىزدەپ تىپىپ ،بۇنى ئىزاھلاش (注释) قىلىۋىتىمىز. يەنى مۇشۇ قۇرنىڭ ئالدىغا بىر تال # بەلگىسىنى قويۇپ ،ھۆججەتنى ساقلاپ تەھرىرلەشتىن چېكىنىمىز.


2.مۇلازىمىتېرنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى بىلەن MySql ساندانىغا ئۇلايمىز.

02.png

MySql بۇيرۇق ھالىتىدە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىمىز.


grant all on *.* to username@'%' identified by 'password;


بۇ يەردىكى username بولسا سىز يېڭىدىن قۇرماقچى بولغان ئىشلەتكۈچى نامىنى ،password بولسا پارولنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن مەن مۇنداق يازدىم.


grant all on *.* to oyghan@'%' identified by '123456;

03.png


3. ئەڭ ئاخىردا flush privileges ئارقىلىق يېڭىلاش ئىلىپ بارىمىز.مەشخۇلات تامام.

04.png

flush privileges


4.يەرلىكتىكى كومپىيوتېردا navicat for mysql دېتالى ئارقىلىق يىراقتىن ئۇلىنىشنىڭ غەلبىلىك بولغان بولمىغانلىقىنى سىىنايمىز.

05.png

يۇقارقى رەسىمدىكىدەك بولسا مەشخۇلاتىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


5.ساندان ماس قەدەملەش

navicat for mysql دىكى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئورۇنغا كىرىپ مەشخۇلات قىلىمىز.

08.png

ئاندىن جەزىملەشنى باشلىساق بولىدۇ.دىمەك بۇ مەشخۇلاتلار بىلەن مۇلازىمىتېردىكى سانداننىڭ جەدۋەل قۇرۇلمىسى ۋە بارلىق سانلىق مەلۇماتلار

 يەرلىكتىكى ساندانغا ماس قەدەملەندى دىگەن گەپ.بۇنداق قىلىشنىڭ رولى نىمە دىگەندە،مەنمۇ ئۇقمىدىم،ئىشقىلىپ مەن بەزى ۋاقتا مۇشۇنداق

 قىلىشقا ھاجىتىم چۈشۈپ قالىدۇ.