Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

phpدىكى empty,isset,is_null لارنىڭ پەرقى

php دا مەلۇم بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ قىممىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 3 فۇنكىسىيە تەمىنلەنگەن بولۇپ،ئۇلار ()empty ھەم () isset ۋە ()is_null لاردىن ئىبارەت.


() isset فۇنكىسىيەسى


() isset فۇنكىسىيەسى بولسا مەلۇم بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ شەرىھلەنگەنلىكى ھەم قېممىتىنىڭ NULL ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ.مۇنداقچە ئىيتقاندا پەقەت ۋە پەقەت ئۆزگەرگۈچىى مىقدارنىڭ قېممىتى NULL بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا راسىت (true) نى قايتۇرىدۇ.


()empty فۇنكىسىيەسى


()empty فۇنكىسىيەسى بولسا ئۆزگەرگۈچى مىقدار قېممىتىنىڭ قۇرۇق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ.يەنى تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا راسىت (true) نى  قايتۇرىدۇ.قۇرۇق مىقدار،false,قۇرۇق سان گۇرۇپپىسى ()array ۋە NULL ۋە 0 ۋە '' ھەمدە unsetئارقىلىق ئۆچۈرۈلگەن مىقدار قاتارلىقلار.


()is_null فۇنكىسىيەسى


()is_null فۇنكىسىيەسى بولسا ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ قېممىتىنىڭ NULL ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ.بۇ فۇنكىسىيەنىڭ true قايتۇردىغان ۋاقتى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ قېممىتى NULL  بولغان ئەھۋال .يەنە مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ()is_null بولسا () isset نىڭ تەتۈر فۇنكىسىيەسىدۇر.() isset فۇنكىسىيەسىنى تېخى شەرھلەنمىگەن مىقدارلارنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىشكە بولىدۇ،لىكىن ()is_null فۇنكىسىيەسىنى بولسا پەقەت ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئالدىنئالا شەرھلىنىپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.


تۆۋەندىكى رەسىم ئارقىلىق بۇ ئۈچ فۇنكىسىيەنىڭ پەرقىنى تېخىمۇ روشەن پەرق ئىتىشكە بولىدۇ.


php.png