Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

php دىكى echo , print , print_r ، var_dump لارنىڭ پەرقى

php دىكى مەزمۇن ئۇرۇپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلدىغان جۈملە ۋە فۇنكىسىيەلەردىن echo , print , print_r ، var_dump لارنىڭ پەرقى توغۇرلۇق سۆزلەپ باقايلى.


echo 

بىر قېتىمدا بىر ياكى كۆپ ھەرپ-بەلگە تېزىقى (ياكى سان) ئۇرۇپ چىقىرىشقا بولىدۇ.كۆپ ھەرپ-بەلگە تېزىقى (ياكى سان) ئارلىقى پەش ئارقىلىق ئايرىلىپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن :

echo 'oyghanbeg';
//输出oyghanbeg
echo 742163033,'@qq.com';
//输出742163033@qq.com

echo بولسا قۇرۇلما جۈملىسى (语言结构) بولۇپ ئىپادە جۈملىسى (表达式) ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .مەسىلەن :

if ( echo 742163033)
{
    return true;
}
//报错 Parse error: syntax error, unexpected 'echo' (T_ECHO)


print

print مۇ echo غا ئوخشاش قۇرۇلما جۈملىسى بولۇپ ،echo دىن پەرىقلىنىدىغان يىرى print نىڭ قايىتقان قېممىتى (返回值) بار ھەمدە بىر قېتىمدا بىرلا ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى ئۇرۇپ چىقىرىشقا بولىدۇ .



print_r

print_r بولسا فۇنكسىيە (函数)  بولۇپ ،مەيلى ھەرپ-بەلگە تېزىقى ،سان ۋە سانلار گۇرۇپىسىنى ئۇرۇپ چىقىرىشقا بولىدۇ. لىكىن print_r فۇنكىسىيەسى ئارقىلىق NULL قىممەت ياكى bool نەتىجىنى ئۇرۇپ چىقىرىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق .مەسىلەن :

print_r('oyghanbeg');
//输出oyghanbeg
$arr = [742163033,'@qq.com'];
print_r($arr);
//Array ( [0] => 742163033 [1] => @qq.com )
print_r(null);
//什么都不输出


var_dump

var_dump بولسا print_r نىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن فۇنكىسىيىسى بولۇپ ،ئوخشاشلا ھەرپ-بەلگە تېزىقى،سان،سانلار گۇرۇپپىسى، ئوبىكىت قاتارلىقلارنى ئۇرۇپ چىقىرىشقا بولىدۇ .var_dump فۇنكىسىيەسى ئۆزگەرگۈچى مىقدارنىڭ قېممىتى ۋە سانلىق مەلۇمات تىپى (数据类型) ۋە ئۇزۇنلۇق قېممىتىنى بىللە كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن :

$arr = [742163033,'@qq.com'];
var_dump($arr);
//输出 array(2) { [0]=> int(742163033) [1]=> string(7) "@qq.com" }


يەكۇن 

echo ۋە print دىن echo  نىڭ سۈرئىتى تېز،شۇڭا echo نى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

print_r  ۋە var_dump ئىككى فۇنكىسىيەدىن var_dump نىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك.

1ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
A13L1M17