Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تونۇتۇش

ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا خالىغان خەت نۇسخىسى ئىشلىتىش ئەمەلىيەتتە  ئاللىبۇرۇن ھەل قىلىنغان مەسىلە بولۇپ ، بۇ تېمىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى تونۇتۇش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن .ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا بىۋاستە @font-face خاسلىقىغا url قىممىتى بىرىشنى قوللىمايدىغان بولغاچ ، بىز خەت نۇسخىسى url سىنى base64 كودلاش ئارقىلىق خەت نۇسخىسى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.




قەدەم باسقۇچلار .

1.ئاۋۋال ئىشلەتمەكچى بولغان خەت نۇسخىسىنىڭ ttf فورماتىدىكى ھۆججىتىنى تەييار قىلىۋالىمىز .مەسىلەن مەن UKIJ Ekran.ttf ھۆججىتىنى تەييار قىلدىم .

2.http://transfonter.org تور بېكىتىگە كىرىپ، تەييار قىلىۋالغان خەت نۇسخىسىغا نىسبەتەن base64 كودلاش ئىلىپ بارىمىز.( تۆۋەندىكى رەسىمدىكى 1 رەقىمى بار كۇنۇپكىنى بېسىپ يەرلىكتىكى خەت نۇسخىسىنى يوللايمىز . 2 رەقىمى كۆرسەتكەن كۇنۇپكىنى بىسىپ كودلاش ئىلىپ بارىمىز. ئاندىن Download قىلىمىز.)



3.png



3.ئالدىنقى باسقۇچتا چۈشۈرگەن بولاقىنىڭ ئىچىدە stylesheet.cssناملىق ھۆججەت ئىچىدىكى كودنى  ئۆزىمىزنىڭ تۈر مۇندەرىجىسىدىكى wxss ھۆججىتى ئىچىگە قويساق بولىدۇ . ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەدىمسىكىدەك .


4.png


مەسىلە بولسا مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ .


  • fans

    1 ئاي بۇرۇن
    ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى توغۇرلۇق ئۇيغۇرچە دەرىسلىك يوقمىدۇ ؟