Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Linux تىكى wget بۇيرۇقى

 ئادەتتە Linux سىستېمىسى ئىشلەتكۈچىلەر wget بۇيرۇقىنى تولا ئۇچرىتىمىز.wget بۇيرۇقى بولسا Linux سىستېمىسى تېرمىنالىدا  ھۆججەت چۈشۈرۈش مەشخۇلاتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورالدۇر.


تۆۋەندە بىز wget نىڭ بىر نەچچە خىل بۇيرۇقىنى كۆرۈپ باقايلى.

wget -r -np -nd http://example.com/packages/

يۇقارقى بۇيرۇق بولسا http://example.com تور بېكىتىدىكى packages مۇندەرىجىسىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.بۇ بۇيرۇقتىكى -np بولسا مۇندەرىجىنى دەۋرىيلىمەسلىكنى ، -nd بولسا يەرلىكتە قايتا مۇندەرىجە قۇرماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.



wget -r -np -nd --accept=iso http://example.com/ubuntu16.04/i386/

يۇقارقى كود بىلەن ئالدىنقى كودنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بىز يەنە بىر --accept=iso ناملىق پاراممېتىر قوشتۇق.بۇ يەردىكى --accept=iso بولسا http://example.com/ubuntu16.04/i386/ مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى كىڭەيتىلگەن نامى iso بولغان ھۆججەتنىلا 

چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.يەنى  چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەت كىڭەيتىلگەن نامىنى بېكىتىشتە ئىشلىتىلدۇ.بۇنىڭغا بىز يەنە باشقا كىڭەيتىلگەن ناملارنى قوشساق بولىدۇ.مەسىلەن بىز مۇشۇ مۇندەرىجدىكى بارلىق iso ۋە rar ھۆججەتلەرنىلا چۈشۈرمەكچى بولساق ،كودنى تۆۋەندىكىدەك يازساق بولىدۇ.

wget -r -np -nd --accept=iso,rar http://example.com/ubuntu16.04/i386/

يەنى accept= نىڭ كەينىگە ھەر بىر كىڭەيتىلگەن نامنى پەش ئارقىلىق ئايرىپ يازساق بولىدۇ.



wget -i filename.txt

ئەمدى بۇ بۇيرۇققا قارىساق ،بۇ بولسا بىر قېتىمدا كۆپ چۈشۈرۈش مەشخۇلاتى قىلىشقا ئىشلىتىلدۇ.

مەسىلەن بىز filename.txt ناملىق بىر ھۆججەتكە چۈشۈرمەكچى بولغان ئادرىسلارنى قۇر ئالماشتۇرۇپ يېزىۋىلىپ ئاندىن يۇقارقى بۇيرۇقنى ئىجرا 

قىلساق بولىدۇ،بۇ ئىقتىدار خۇددى 迅雷 دېتالىدىكى 批量下载 دىگەن ئىقتىدارىغا ئوخشاپ قالىدۇ.



wget -c http://example.com/really-big-file.iso

بۇ يەردىكى -c بولسا داۋاملاشتۇرۇپ چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.يەنى مەسىلەن بىز بىر قەدەر چوڭ ھۆججەتنى چۈشۈرۋاتقاندا تۇيۇقسىز تور توختاپ قالدى،بىر ئازدىن

 كىيىن يەنە ئەسلىگە كەلدى دەيلى،بۇ ۋاقىتتا بۇ ھۆججەت يېڭىۋاشتىن چۈشۈرۈلمەستىن بەلكى ئالدىنقى قېتىملىق چۈشۈرۈلۈپ بولغان يېرىدىن باشلاپ چۈشۈرىدۇ.