Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Ubuntu مۇلازىمېتىرى ئۈچۈن بىخەتەرلىك قورالى safedog

Ubuntu سىستېمىسى قاچىلانغان مۇلازىمىتېرلارغا نىسبەتەن تۈززۈكرەك بىخەتەرلىك دېتالى تىپىشمۇ خىلى تەس،بولۇپمۇ يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق.


تۆۋەندە مەن ئالىيۈن بۇلات مۇلازىمىتىرىغا safedog بىخەتەرلىك دېتالىنى قاچىلاشنى سۆزلىمەكچى.


1.ئاۋۋال safedog نىڭ ئورگان بىكىتى گە كىرىپ ئاكونىت تېزىملىتمىز.

2.بۇلۇت مۇلازىمىتېردا تېرمىنالداroot سالاھىيىتىدە تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق safedog دېتالىنى چۈشىرىمىز.

wget http://down.safedog.cn/safedog_linux64.tar.gz

3.بولاقنى يېشىمىز.

tar xzvf safedog_linux64.tar.gz

4.يېشىلگەن مۇندەرىجىگە كىرىمىز.

cd safedog_an_linux64_2.8.16709

5.قاچىلاش ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىمىز.

chmod +x *.py
./install.py

6.قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن ئورگان بېكىتىدە تېزىملاتقان ئاكونتىمىزنى باشلاش مەشخۇلاتى ئىلىپ بارىمىز.

sdcloud -u 服云帐号

ئاندىن پارولنى كىرگۈزۈپ مۇقىملايمىز،تۆۋەندىكىدەك مەزمۇن كۆرۈنگەندىن كىيىن ،بىز لىنۇكىس

مۇلازىمىتېرغا safedog بېخەتەرلىك دېتالىنى غەلبىلىك قاچىلىغان بولىمىز.

Login successed.
Download certificate successed.
Congratulations! Your server has successfully joined in SafeDog Fuyun.
To experience Fuyun, please visit fuyun.safedog.cn.

ئەمدى بىز safedog ئورگان بېتدىكى ئەزا مەركىزىگە كىرىپ ،مۇلازىمىتىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىك سىستاستىكا ئەھۋالنى كۆزەتسەك بولىدۇ.