Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Ubuntu16.04 تە Apache2+php7.0+mysql مۇھىتى قۇرۇش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

Ubuntu سىستېمىسدا LAMP مۇھىتى قۇرۇش

Ubuntu 16.04 گە LNMP مۇھىتى قاچىلاش



Ubuntu16.04 تە ئەڭ يېڭى نەشىردىكى Lamp مۇھىتىى قۇرۇش توغۇرلۇق تەجىربەمنى ئورتاقلىشىمەن.


1. Apache نى قاچىلاش

sudo apt-get install apache2

http://localhost نى بىسىپ سىناپ باقىمىز.

Apache نىڭ كۆپ ئىشلىتىلدىغان بۇيرۇقلىرى : service apache2 status/start/stop/restart

Apache نىڭ سۈكۈتتىكى Web مۇندەرىجە ئورنى /var/www دە بولىدۇ.

Apache نى قاچىلىغان ئورۇن : /etc/apache2/

Apache نىڭ تەڭشەك ھۆججىتى ئورنى : /etc/apache2/apache2.conf

Apache مۇلازىمەت ئېغىزى تەڭشىكى ھۆججىتى : /etc/apache2/ports.conf

Apache كۆپ بېكەت تەڭشەك ھۆججىتى : /etc/apache2/sites-enabled/000-default.conf


2.MySQL نى قاچىلاش 

sudo apt-get install mysql-server mysql-client

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن سىناپ باقىمىز.

mysql -u root -p

ھالەت بۇيرۇقلىرى : service mysql status/start/stop/retart

ئېغىزلار(端口) لارنىڭ ئىشلىتىشىنى تەكشۈرۈپ بىقىش : netstat -tunpl



3.PHP قاچىلاش .

بۇ يەردە بىز php7.0 نى قاچىلاشنى مىسال قىلىمىز.

sudo apt-get install php7.0

ئاندىن php7.0 -v ئارقىلىق سىناپ باقساق بولىدۇ.



4.قوشۇمچە بۆلەك (模块) لارنى قاچىلاس.

sudo apt-get install libapache2-mod-php7.0

sudo apt-get install php7.0-mysql

مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى قايتا قوزغىتىمىز.

service apache2 restart

service mysql restart

Apache نىڭ PHP ئىجرا قىلغان قىلمىغانلىقىنى سىناپ باقىمىز.

vim /var/www/html/phpinfo.php


http://localhost/phpinfo.php



5.ھوقۇق بىرىش

sudo chmod 777 /var/www



6.phpMyAdmin نى قاچىلاش

sudo apt-get install phpmyadmin

phpMyAdmin ئۈچۈن تىز قوزغاتما ھاسىللايمىز.

sudo ln -s /usr/share/phpmyadmin /var/www/html

Apache نىڭ mod_rewrite ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىمىز.

sudo a2enmod rewrite

مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت (服务) لەرنى قايتا قوزغىتىمىز.

service php7.0-fpm restart
service apache2 restart

phpMyAdmin نى سىناپ باقىمىز.


http://localhost/phpmyadmin


قوشۇمچە : Apache نىڭ بەزى تەڭشەكلىرى 

/etc/apache2/apache2.conf ھۆججىتىگە تۆۋەندىكىلەرنى قوشىمىز.

AddType application/x-httpd-php .php .htm .html

AddDefaultCharset UTF-8


Apache  نى قايتا قوزغىتىىمىز.


يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈم ئىككى قوللۇق سىناق قىلىپ غەلبىلىك بولغاندىن كىيىنكى تەجىربىلىرىمدۇر.