Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Github + Hexo ئارقىلىق تور بەت قۇرۇش

تورداشلار بىلەمدىكىن تاڭ ، Github نىڭ GitHub Pages مۇلازىمىتى ئارقىلىق مەلۇم بىر تۈرنىڭ خاس بېتى ياكى شەخسىي بىلوگ قۇرۇشقا بولىدۇ . پۈتۈنلەي ھەقسىز،قولاي.تېخنىكا تەلىپىمۇ ئاددىي . ئۇنداقتا بىز بۇ تېمىمىزدا Github + Hexo ئارقىلىق بىر شەخسىي بىلوگ قۇرۇپ چىقىشنى سۆزلەپ ئۆتەيلى .


بۇ يەردە Github ۋە Hexo دىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇم بار . Github نى چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق .Hexo بولسا NodeJs نى ئاساس قىلغان MarkDown گىرامماتىكىسى قوللايدىغان تىنچ بەتلىك بىلوگ قۇرۇش رامكىسىدۇر .بۇ يەردە بىز Github نىڭ تور نامى ۋە تور بوشلۇقى مۇلازىمىدىن،  Hexo نىڭ بەت ھاسىللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بىر يۈرۈش شەخسىي بىلوگ تەييار بولىدۇ . تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:


Github تا يېڭىدىن تۈر ئاچىمىز .

  1. يېڭى تۈر قۇرۇش بېتىدە تۈر نامى username}.github.io} بولغان Public تۈردىن بىرنى قۇرىمىز . بۇ يەردىكى {username} سىزنىڭ Github دىكى ئاكونت نامىڭىزنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .


github1.png


2. ئاندىن مەزكۇر تۈرنىڭ تەڭشەك (settings) بېتىگە ئۆتۈپ ، شاخچە (branch) ۋە ئۇسلۇب (Theme) تاللايمىز . بۇ يەردە چوقۇم master branch نى تاللاپ ساقلايمىز . ئاندىن Theme Chooser دىگەن يەردىن ئۆزىمىز خالىغان ئۇسلۇبنى تاللاپ ساقلايمىز . ئۇسلۇبنى كىيىنمۇ  خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :


guthub2.png



  بۇ ۋاقىتتا Github بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئاكونىت نامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان username}.github.io}ناملىق تور نامى تەقسىملەپ بىرىدۇ .مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مېنىڭ تور نامىم https://oyghan.github.io بولدى .تور نامىنى زىيارەت قىلساق نورمال ئىچىلىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


hexo-1.png


دىمەك ئىنتايىن ئاددىييلا Github تا ئۆزىمىزنىڭ نامىدىكى ئىككىنجى دەرىجىلىك تورنامى بىلەن بىر بەت ئېچىۋالدۇق دىگەن گەپ. (موچەن پۇل سەرپ قىلمىدۇق ، نەچچە ئون سىكونىتلا كەتتى )





Hexo مۇھىتى ھازىرلاش

يازمىمىزنىڭ بىشىدا تەبىر بەرگەندەك Hexo بولسا NodeJs شارائىتىدا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچ ،ئاۋۋال كومپىيوتېرىمىزدا NodeJs قاچىلانغان بولىشى كىرەك . ئاندىن Hexo نى قاچىلايمىز .


npm install hexo-cli -g

mac ئىشلەتكۈچىلىرى 

sudo npm install hexo-cli -g

 قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تېرمىنالدا hexo بۇيرۇقى ئارقىلىق hexo بۇيرۇق تاللاشلىرىنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .


hexo-3.png


Hexo دا بىلوگ يېزىش 

قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن Hexo ئارقىلىق يېڭى تۈر ھاسىللايمىز ۋە بىلوگ يېزىشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ .

يېڭى تۈر ھاسىللاش 


hexo init hexo-blog

بۇ يەردىكى hexo-blog بولسا تۈر ھۆججەت قىسقۇچ نامىنى كۆرسىتىدۇ ،خالىغانچە يازساق بولىدۇ . ئاندىدن مۇندەرىجە ئىچىگە كىرىپ تايانمىلارنى قاچىلايمىز .

cd hexo-blog
npm install


تايانمىلارنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تنىچ بەت ھاسىللايمىز . 

hexo clean
hexo g

 

hexo مۇلازىمىتىنى قوزغىتىپ بەتنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقمىز .

hexo s


بۇ ۋاقىتتا hexo مۇلازىمىتى localhost:4000 ئېغىزىدا ئىجرا بولىدۇ . تور كۆرگۈچتە localhost:4000 نى زىيارەت قىلساق hexo نىڭ سۈكۈتتى ئۇسلۇبى ۋە سىناق مەزمۇنى كۆرۈنىدۇ . مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك .


hexo-0.png


يېڭى يازما قوشۇش 

يېڭى يازما قوشۇش ئۈچۈن  hexo new ئارقىلىق يېڭى بەت ھاسىللايمىز . مەسىلەن .

hexo new test


بۇ ۋاقىتتا source/_posts مۇندەرىجىسى ئاستىغا test.md ناملىق ھۆججەت پەيدا بولىدۇ . بۇ ھۆجەتتە MarkDown گىرامماتىكىسىدا يازما يازساق بولىدۇ . يېزىپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرقىتىم تىنچ بەت ھاسىللايمىز ۋە مۇلازىمەتنى قايتا قوزغىتىمىز .

$ hexo clean
$ hexo g
$ hexo s


بۇ چاغدا يېڭى قوشقان يازمىمىز باشبەتتە كۆرۈنىدۇ . باشقا يازما قوشۇش ،خەتكۈچ ،تۈر قاتارلىقلارنى قوشۇش مەشخۇلاتلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ . تېخىمۇ كۆپ قوللانمىلارنى hexo ئورگان تورى ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ .


Github قا يوللاش 

يازمىنى يېزىپ تېنچ بەت ھاسىللىغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە Github تىكى ئامبارغا يوللىشىمىز كىرەك . چۈنكى يەرلىكتىكى نەرسىنى باشقىلار زىيارەت قىلالمايدۇدە شۇنداقمۇ .Hexo تۈرىنى Github قا يوللاش ئۈچۈن يەنە بىر قىستۇرما قاچىلايمىز .

npm install hexo-deployer-git --save


قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن hexo تۈرىنىڭ تەڭشەك ھۆججىتى _config.yml گە تۆۋەندىكى git ئۇچۇرىنى تولدۇرىمىز . فورماتى تۆۋەندىكىدەك .

deploy:
type: git
repo: your git repository url
branch: master



ئاندىن github قا يوللايمىز .

hexo -d


ئەمدى بايامقى تور نامىنى زىيارەت قىپلىپ كۆرسەك بىز يازغان يېڭى يازما oyghan.github.io تورنامىدىمۇ يېڭىلىنىدۇ . Hexo غا قىززىقۇچىلار ئورگان تەرەپ ئاچقۇچىلار قوللانمىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيدۇ . قىنى سىناپ باقمامسىلەر سىلەرمۇ . مەسىلىلەر بولسا مەزكۇر تېمىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ .


مىنىڭ Github + Hexo ئارقىلىق قۇرغان بېتىم : https://oyghan.github.io

hexo ئورگان تورى : https://hexo.io/zh-cn

2ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
Stilly A13L1M17
  • A13L1M17

    1 ئاي بۇرۇن
    Mac تە sudo npm بۇيرۇقىنى تاپالمىدىم دەپ چىقىۋالدى !

    Stilly

    1 ئاي بۇرۇن

    npm نى قاچىلىمىغان ئوخشىمامسىز ئەمسە 😺
  • A13L1M17

    1 ئاي بۇرۇن
    ھە ، ئىسىم قۇرسۇن !😉