Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

Laravel5.4 دە intervention/image قورال تۈرىنى ئىشلىتىش

Laravel رامكىسىنىڭ سۈكۈتتىكى ھالدا مەخسۇس رەسىم بىر تەرەپ قىلىدىغان قورال تۈرى يوق بولۇپ،رەسىم بىر تەرەپ قىلىش (كېسىش ،چوڭ-كىچىكلىنى ئۆزگەرتىش،تامغا بېسىش...) قا توغرا كەلسە ئۆزىمىز قول سىلىپ يېزىشىمىز ياكى تەييار قورال تۈرلەرنى ئىشلىتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.

تۆۋەندە Github تە ئالقىشقا ئېرىشكەن رەسىم بىر تەرەپ قىلىش قورال تۈرىنى ئىشلىتىشنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.


بۇ يەردە مەن  intervention/image قورال تۈرىنى laravel5.4 تە ئىشلىتىش تەجىربەمنى يازاي.

ئاۋۋال ئوخشاشلا تېرمىنالدا laravel  مۇندەرىجىسىگە كىرىپ  composer ئارقىلىق intervention/image نى laravel رامكىسىغا قوشىمىز.

composer require intervention/image

ئاندىن config/app.php  قا تۆۋەندىكى تەڭشەكلەرنى قوشىمىز .

$providers

'Intervention\Image\ImageServiceProvider::class'

$aliases

'Image' => Intervention\Image\Facades\Image::class'

ئاندىن artisan  دە تەڭشەك ھۆججىتى ھاسىل قىلىمىز.

php artisan vendor:publish --provider="Intervention\Image\ImageServiceProviderLaravel5"

ئاندىن ھاسىل بولغان config/image.php تەڭشەك ھۆججىتىگە رەسىم بىر تەرەپ قىلىش تەڭشەكلىرىنى يازىمىز.

'driver' => 'gd'

سۈكۈتتىكى driver قېممىتى gd بولۇپ،تاللاشقا بولىدىغان تاللاشلاردىن يەنە Imagick بار.مەن بۇ يەردە gd  ئامبىرىنى تاللىدىم.

ئاندىن Controller دا مۇنداق ئىشلىتىمىز.

// 导入 Intervention Image Manager Class
use Intervention\Image\ImageManagerStatic as Image;
 // 通过指定 driver 来创建一个 image manager 实例 (默认使用 gd)
  Image::configure(array('driver' => 'gd'));
 // 最后创建 image 实例
 $image = Image::make(base_path().'/public/oyghan-logo.png')->resize(300, 200);
 return $image->response('jpg');


بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، Controller دا چوقۇم  

Image::configure(array('driver' => 'imagick'));

ئارقىلىق driver غا قىممەت بىرىشىمىز كىرەك.بولمىسا خاتالىق كىلىپ چىقىدىكەن.(مەن سىناپ باقتىم راسكەن)


قوللايدىغان رەسىم تىپلىرى :

GD ئامبىرى : jpeg, png, gif 

Imagick ئامبىرى:jpeg, png, gif, tif, bmp, ico, psd 


كۆپ ئىشلىتىلدىغان فۇنكىسىيەلەر:

()make : رەسىم ھۆججىتىنى ئىچىىش

()resize : چوڭ -كىچىكلىتىش

()save : ساقلاش

()insert : تامغا بېسىش

()destroy : رەسىم ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈش

()response : رەسىم چىقىرىش (响应图像资源)


سىناق مىسال :

 $img = Image::make('public/oyghan-logo.png');  
 $img->resize(320, 240);  
 $img->save('public/oyghan-new-logo.png');  
 $img->destroy();


ئاندىن intervention/image باشقا فۇنكىسىيەلىرنى intervention/image تەپسىلىي قوللانمىسىدىن كۆرۈپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.بۇ قورال تۈرىنىڭ ئىقتىدارلىرى ئوبدانلا كۆپ بولۇپ،ئىھتىياجىمىزنى ئاساسەن ھەل قىلىپ بىرىدىكەن.


مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار

packagist دىكى تۈر ئادرىس : https://packagist.org/packages/intervention/image

github دىكى تۈر ئادرىس : https://github.com/Intervention/image

intervention/image تەپسىلىي قوللانمىسى : http://image.intervention.io/


1ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
A13L1M17