Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

mpvue دا ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى يېزىش

mpvue (تولۇق ئاتىلىشى : Vue.js in mini program ) بولسا Vue.js ئارقىلىق ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى يېزىش رامىكىسى بولۇپ ، Vue.js نى يادرو قىلغان ئاساستا ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلغان .


mpvue نىڭ ئالاھىدىلىكىلىرى 

mpvue رامكىسى ئورگان تەرەپ رامكىسىنىڭ ئارتۇقچىلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ھەل قىلغان بولۇپ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىدەك :

1.پۈتۈنلەي زاپچاسلاشتۇرۇلغان پىروگرامما لاھىيلەش ئەندىزىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ،زاپچاسلارنىڭ قايتا ئىشلىتىلىشچانلىقى ئاشۇرۇلغان .

2. پۈتۈنلەي Vue.js ئىددىيىسى بىلەن كىچىك پىروگرامما كودى يېزىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان .

3. Vuex ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى كونتىرول قىلىشنى قوللايدۇ .

4. webpack نى قوللايدۇ . كود يېزىش باسقۇچىدا hotReload ئارقىلىق تەڭشەش ئىلىپ بېرىشقا بولىدۇ .

5.Vue.js تېرمىنال قورالى vue-cli ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە تۈر ھاسىللاشقا بولىدۇ.

6. H5 كودىنى كىچىك پىروگرامما كودىغا ئايلاندۇرۇشنى قوللايدۇ .


كىچىك پىروگرامما ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇ رامكىنىمۇ تەتقىق قىپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . تەكىتلەشكە تىگىشلىكى mpvue  ئىشلىتىش ئۈچۈن webpack،Vue.js،vue-cli قاتارلىقلارغا بىر قەدەر پىششىق بولۇش ھىچ بولمىغاندا مۇئەييەن چۈشەنچىگەن ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ .


ئورگان تەرەپ تور بېكىتى : http://mpvue.com

github تۈر ئادرىسى : https://github.com/Meituan-Dianping/mpvue