Stilly

Stilly

بېكەت باشلىقى

يازمىلىرى
ئەگەشكۈچىلىرى
ئەگەشكەنلىرى
74
32
0

بۈگۈن بىر يازما يازاي

يوقاپ كەتلە *** جان ، بۇ دۇنيادا بامۇيا ؟ يازمىلار ئۈزۈلۈپ قالدى ، *** *** مۇيا؟

شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى قېتىملىق تېمىنى يازغاندىن ھازىرغىچە تولۇق 2 ئاي بوپتۇ .بۇ ئىككى جەريانىدا تورداشلار كۈندە ماڭا خەت يېزىپ ئىنكاس قالدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر تور بېكەتكە كۈندە كىرىپ كۈندە ماتىلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ، يىقىندىن بىرى مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلانماسلىقى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم بىر نەرسىسىنى يوقتىپ قويغاندەك تۇيغۇلارغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقنى ئىنكاس قىلىشىپ ، ئۆزلىرىنىڭ چاڭقىغان دىللىرىغا بۇلاق سۈيى كەبىي يازمىلىرىمغا تەشنا ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتۈشتى ....

 ھىي ، ھىي ... ئاچە ئۇيقاڭنى ، ئاھاي كىما ماۋۇ ؟ بىر ئوبدان چۈش كۆرەۋاتسام ئويغىتىۋەتكىننى ....


ئەمدى ئۆزەم سۇئال ئۆزام جاۋاب شەكلىدە ئازراق پاراڭ قىلاي .

سۇئال : ئىككى ئاي جەريانىدا نىمىش قىلدىڭىز ؟ بىلوگنىڭ مەزمۇن يېڭىلىنىشى يوق دىيەرلىك بوپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نىمە ؟

جاۋاب : بۇ سۆزلەپ كەلسەك گەپ جىق ، بۇ بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن بولغان ۋەقە . ئەڭ ئاۋۋال توربەتنىڭ ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسىدىن چاتاق چىقتى . يەنى api نىڭ https دىن چاتاق چىقتى. ۋاقتى ئۆتەپ كىتىپتىمىشلەر كىيىن ئۇقسام .شۇنىڭ بىلەن بىرە كۈن ئىيتىشىپ مۇلازىمىتىېرنى ئاندا مۇندا قىلىپ ئىشقىلىپ مالماتاڭ قىلىپ ئېغىلدەكلا قىپ قويدۇم . چۈنكى ئەينا ۋاقتا linux سىستېمىسى قاچىلىغان چاغدا سىستېمىنىڭ تۈزۈلىشى ، مۇندەرىجە جايلىشىشى قاتارلىقلار بىلەن جىق تونۇشۇپ ئولتۇرمايلا مۇھىت قوراشتۇرغان بولغاچ ، مۇلازىمىتېر بارغانسىرى سەت كۆرۈنۈشكە باشلىدى ، خۇددى قاراڭغۇ ئۆيدە مۇش ئاتقاندەك.ئاندىن بىلوگنىڭ پىروگراممىسى كودلىرى يامان سەت ، يامان قوناق سەۋىيە كۆرۈنگىلى تۇرغىلىمۇ خىلى بولغان ، بۇ ئىككىسى قوشۇلۇپ مۇلازىمىتېردىن بىراقلام رايىم ياندى ، جاپا تارتىپ ئىزدىنىپ قۇرغان نەچچە خىل پىروگرامما مۇھىتى ، مۇلازىمەتلەردىن بىراقلا ۋاز كېچىپ مۇلازىمىتېر سىستېمىسىنى قايتا قاچىلىغۇم كەلدى .

 شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىسى شۇ شۇنداق بولدى .قايتىمۇ قاچىلىدىم . قاچان ئۇ مۇھىت ، مۇلازىمەتلەرنى قۇرۇپ بولارمەن دەپ ، ھەم خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، گەپنىڭ قىسقىسى خۇشياقمىدى . لىكىن خۇشياقمىسىمۇ ئۇيغۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ ***، ئەڭ ***، ئەڭ *** بىلوگنى تاقاپ قويۇشقا رايىم بارماي ، يەنە شۇ ئەسكى كودلارنى قايتىدىن مۇلازىمىتېرغا چىقىرىپ بىلوگنى نورمال ماڭدۇرۇپ قويدۇم .

مەزمۇن يوللانماسلىق مەسىلىسىگە كەلسەم ، بىلوگ پىروگراممىسىنىڭ «قالاقلىقى» تۈپەيلى پەقەتلام يازغۇم كەممىدى. ياكى مۇشۇ پىتى تۇرىۋىردۇ ياكى بىلوگ پىروگراممىسىنى يېڭىلاپ ئاندىن يازما يوللايمەن دەپ ئۆزەم ئۆزەم بىلەن شەرت قويۇشۇپ . ئاخىرى بىلوگ پىروگراممىسىنى يېڭىلاپ ئاندىن يازما يوللايدىغان شەرتكە قوشۇلدۇم .


سۇئال : بىلوگ پىروگراممىسىنى يېڭىلىدىڭىزمۇ ؟ قانداق يېڭىلىدىڭىز ؟ بۇرۇنقىدىن قانداق پەرقى بولدى ؟

جاۋاب : يېڭىلىدىم . كود يېزىپ يېڭىلىدىم . بۇرۇنقىسى laravel5.2 ئ‍ىدى . ھازىرقىسى laravel5.6 گە كۆتۈرۈلدى . بەك *** كەنسەن ھىي ، ئىككى ئاينىياقى 5.2نى 5.6 قىلدىڭما ؟ ناھايتى شۇ 0.4 پەرقكەنغۇ ؟يا يا چاقچاقنىمۇ قىلدۇق . بۇ قېتىمقى بىلوگ پىروگراممىسىدا ئ‍ۆزۈم پىلان قىلغان تۆۋەندىكىدەك يېڭىلىقلارنى قوشتۇم .

1. ئەخلەت ئەزا مەسىلىسىنى  بىر تەرەپ قىلدىم . يەنى يېڭى تېزىملاتقان ئەزالار چوقۇم ئېلخەتنى دەلىللىشى كىرەك .بۇرۇن تېزىملاتقان ئەزالار پارولنى ئۇنتۇپ قالدىم دىگەن جايدىن ئېلخەتنى دەلىللىشى كىرەك . بۇ ئارقىلىق ئەزالارنىڭ ئۆلەك ياكى تېرىك ئىكەنلىكى مۇئەييەن دەرىجىدە ئىنىقلاشتۇرۇلدى . 2. تېما ۋە ئەزالار باش رەسىملىرى بىردەك يەتتە كالا بۇلۇت سۇپىسى (七牛云) غا يوللىنىدىغان بولدى .3.ئەزالار بىلەن سىستېمىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ جانلىقلاشتۇرۇلدى . يەنى ئەزالار ئۆز ئارا ئەگىشەلەيدىغان ۋە ئۆز ئارا قىسقا ئۇچۇر يوللىيالايدىغان ئىقتىدار قوشۇلدى . (ئۆز ئارا ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى يوللىغان ئۇچۇر شۇ زامانلا قارشى تەرەپكە بارىدۇ ، خۇددى ۋېيشىندەك . ئالدىنقى شەرت قارشى تەرەپ توردا بولىشى كىرەك . نۆۋەتتە قىسمەن ئەزالارغىلا ئېچىۋىتىلدى) . تېمىغا ئىنكاس يوللىغاندا تېما ئاپتورىغا ئىنكاس چۈشكەنلىك ئەسكەرتىشى باردىغان بولدى ، تېما تەستىقلانغاندا ۋە ئىنكاسقا جاۋاب يازغاندا ئىنكاس ئاپتورىغا بېكەت ئۇچۇرى ئەۋەتىلىدىغان بولدى . ئىشقىلىپ بۇرۇنقى ئۆلەك ھالەتتىن خىلى جانلاندى دەپ ئويلىدىم . قالغان يېڭىلىقلارنى ئۆزەڭلا كىرىپ ھىس قىلمامسىلەرەۋە ...


سۇئال : بىز ئەزالار نىمىش قىلىشىمىز كىرەك ؟

جاۋاب : ئاۋۋال كىرىپ يېڭى ئەزا تېزىملىتىڭلا ، كونا ئەزا بولساڭلا پارولنى ئۇنتۇدۇم دىگەن جايدىن پارول قايتۇرۇش مەشخۇلاتى قىلىپ ئېلخەتنى ئاكتىپلاڭلا . چۈنكى بۇرۇنقى پارولىڭلار بىلەن ھازىر بىلوگقا كىرەلمەيسىلەر . نىمىشقا ئەمدى ؟ چۈنكى بىلوگ مېنىڭ . كىرەممىسۇن دىسەم كىرەممەيسىلە . ۋەت ....  ئاندىن ئىنكاس ، فېنشاڭ . جۈەنفا ، دىيەنزەن ...


سۇئال : بۇندىن كىيىن پىلانلىرىڭىز توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟ 

جاۋاب : 1. ياخشى ئىشلەپ ، ياخشى ئۆگىنىپ ، جىق پۇل تىپىش ، ساھىبجامالغا ئۆيلىنىش ، خۇشپۇراق ماشىنا ھەيدەش ، داچىدا ئولتۇرۇش ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىش ... 2. بىلوگ پىروگراممىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە بىلوگ مەزمۇن سەرخىللىقنى ساقلاپ مېڭىشنى مەقسەت قىلدىم ھازىرچە . ھەپتىدە ئاز بولغانچە 2 پارچە تېخنىكا توغۇرلۇق يازما ۋە ھەپتىدە بىر قېتىم پەن-تېخنىكا دۇنياسى يېڭىلىقلىرى ھەققىدە تەرجىمە «ھەپتىلىك گېزىت» قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن .3. ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىكى  «شېرىن ھەپتە» نى تاماملاپ ، پايتەختكە قايىتقاندىن كىيىن  بۇ پىلانلارمۇ ئەمەلىي ئىش باسقۇچىغا ئۆتكۈسى .تورداشلار ناۋادا راس دىگەندەك كۈندە كىرىپ يوقلاپ تۇرسا ئىشىنىمەنكى بىلوگ تېمىلىرى ئۇسسىغان دىللارغا بۇلاق سۈيى كەبى خۇش يېقىشىمۇ يىراق ئەمەس . 


7ئەزا بۇ تېمىنى ياقتۇردى
Stilly Ehsanbay ئىزقۇت bilram kuchlen VicTor731 A13L1M17
  • TARQAT

    1 ئاي بۇرۇن
    بۇلاق سۈيى كەبىي يازمىلار قايتىپ كەپتۇدە [لول لول ]

    Stilly

    1 ئاي بۇرۇن

    شۇنداق دەپ تۇرلى [لول لول لول ]
  • fans

    1 ئاي بۇرۇن
    ئىنكاس خەت سانى بەك ئاز بوپ قالدىمۇ قانداق ؟ ئاران 140 ھەرپكەن .

    Stilly

    1 ئاي بۇرۇن

    ئەسلى ئىنكاس رايونىغا markdown ئېدىتورى قويماقچى ئىدىم ، ھازىرچە تەتقىقات باسقۇچىدا .
  • Ehsanbay

    1 ئاي بۇرۇن
    بىلوگنىڭ يېڭى نەشىرى تېخىمۇ كۆركەم چىقىپتۇ ، مول مەزمۇنلۇق يازمىلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز !

    Stilly

    1 ئاي بۇرۇن

    شۇنداق قىلىشقا تېرىشىمىز
  • kapsiz96

    1 ئاي بۇرۇن
    等你等你我的眼睛四个了

    Stilly

    1 ئاي بۇرۇن

    بۇنداق ئىنكاسلارنى ئامال بار يازمىساق
  • ئىزقۇت

    1 ئاي بۇرۇن
    ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.
  • bilram

    1 ئاي بۇرۇن
    سۆزلەپ قويمىساق بولماس ياخشى چىقىپتۇ چەستەك بىلوگ ياخشى يازمىلار ئۇۇلمىسۇن