macOS سىستېمىسىدا پىروگرامما ئېچىش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندا، كۆپ مىقداردا تېرمىنال بۇيرۇقى ۋە تېرمىنال ئىشلىتىشكە ئىھتىياجلىق بولىمىز. macOS نىڭ سۈكۈتتىكى تېرمىنالىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئاددىي (سەت) ۋە ئىقتىدارلىرى ئاز. بۇ يازمىدا macOS مۇھىتىدا ئەڭ كۈچلۈك تېرمىنال مۇھىتى iTerm2 + oh my zsh تەڭشەش ۋە ئىشلىتىشنى ئورتاقلىشىمىز.
ئەڭ ئاۋۋال ئىشنى Homebrew دىن باشلايمىز.
Homebrew بولسا macOS سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان دېتال (بولاق) باشقۇرۇش قورالى بولۇپ، دېتال (بولاق) قاچىلاش، ئۆچۈرۈش، يېڭىلاش، تەكشۈرۈش، ئىزدەش قاتارلىق قوللىنىشچان ئىقتىدارلارنى تەمىنلىگەن. مەسىلەن ئىيتساق Homebrew قورالىUbuntu
دىكى apt-get
ۋە CentOS
دىكى yum
لارغا ئوخشاش بولاق باشقۇرۇش قورالىدۇر.
macOS تە دېتال باشقۇرۇش مەشخۇلاتىدا Homebrew ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. Homebrew نى بىلمەي macOS ئىشلىتىش تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.
ئورگان تەرەپنىڭ قاچىلاش تەۋسىيەسى مۇنداق، تۆۋەندىكى كودنى تېرمىنالدا ئىجرا قىلساقلا بولىدۇ.
/bin/bash -c "$(curl -fsSL https://raw.githubusercontent.com/Homebrew/install/HEAD/install.sh)"
لىكىن بۇ ئۇسۇل دۆلىتمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە تازا ماس كەلمەيدۇ. قاچىلاش جەريانىدا بەزى تور بىكەتلەرنى زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق ياكى سۈرئەت ئاستا بولۇش سەۋەبلىك قاچىلاش مۇۋەپپەقيەتلىك بولماسلىقى مومكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشمۇ ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس.
Homebrew نى قاچىلاش بۇيرۇقى ئەمەلىيەتتە بىر جۈملە ruby
تىلى كودى بولۇپ، قاچىلاش ھۆججىتىنى مەنبەدىن چۈشۈرۈپ ئاندىن قاچىلايدۇ. دىمەك بىزدە قاچىلاش ھۆججىتى بولسىلا يۇقارقى بۇيرۇقنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ قاچىلاش ئىلىپ بارالايمىز.
链接: https://pan.baidu.com/s/19_c1Gu-sJqzvAM-KHn8dig 提取码: ywir
بۇ يەردە مەن قاچىلاش ھۆججىتىنى بەيدۇ تور دىسكىسىغا ساقلاپ ھەمبەھىرلەپ قويدۇم. ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كىيىن، تېرمىنالدا ruby
بۇيرۇقى ئارقىلىق Homebrew نى قاچىلاشنى تاماملىيالايمىز.
ruby brew_install.rb
شۇنىڭ بىلەن Homebrew نى قاچىلاش تامام بولدى.
iTerm2 بولسا ئىقتىدارى كۈچلۈك macOS تېرمىنال قورالى بولۇپ، macOS نىڭ سۈكۈتتىكى تېرمىنالىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئىقتىدارلىق ۋە كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق. iTerm2 نى قاچىلاش ئۈچۈن بىۋاستە iTerm2 ئورگان بېتىنى زىيارەت قىلىپ، قاچىلاش بولىقى ئارقىلىق قاچىلىساقلا بولىدۇ.
iTerm2 ئورگان بېتى : https://iterm2.com
iTerm2 نى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن، سىستېما shell
تۈرىنى zsh
كە ئۆزگەرتىمىز.
chsh -s /bin/zsh
ئەمەلىيەتتە macOS Catalina نەشىرىدىن باشلاپ zsh
نى سۈكۈتتىكى Shell
قىلىپ بېكىتكەن. شۇڭا سىستېما نەشىرى macOS Catalina دىن يۇقىرى بولغان ئەھۋالدا بۇ باسقۇچ ھاجەتسىز.
Oh-My-Zsh بولسا ئوچۇق كودلۇق، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئاۋات تېخنىكا مۇنبىرىگە ئىگە Zsh باشقۇرۇش قورالى. بىز Oh-My-Zsh ئارقىلىق Zsh كە قوللىنىشچان فۇنكىسىيەلەر، قىستۇرمىلار ۋە ئۇسلۇبلارنى قوشالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا ۋاۋ دىگۈدەك ئىقتىدارلارمۇ نۇرغۇن.
Oh-My-Zsh نى ئادەتتە curl
ياكى wget
ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ. ناۋادا سىستېمىڭىزدا curl
ياكى wget
بولمىسا تۇنجى قەدەمدە تونۇشۇپ چىققان Homebrew ئارقىلىق قاچىلىساق بولىدۇ. مەسىلەن brew install wget
دىگەندەك.
curl
sh -c "$(curl -fsSL https://raw.github.com/robbyrussell/oh-my-zsh/master/tools/install.sh)"
wget
sh -c "$(wget https://raw.github.com/robbyrussell/oh-my-zsh/master/tools/install.sh -O -)"
قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن iTerm2 نى قايتا قوزغىتىمىز.
ئۈستىدىكىسى Oh-My-Zsh قاچىلانغاندىن كېيىنكى iTerm2 نىڭ ھالىتى. قانداق، ئەسلىدىكى ئاپئاق كۆرۈمسىز تېرمىنال قاپقارا تون كىيىپ ئاقسا ھالەتكە كىرىپ قالغاندەكمۇ؟ تېخى بۇلارلا ئەمەس، داۋاملىق كىيىنكى باسقۇچلارغا ئۆتەيلى.
Oh-My-Zsh سۈكۈتتە بىر قانچە چىرايلىق ئۇسلۇبلارنى بىللە ئىلىپ يۈرۈيدۇ. ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش ئۈچۈن Oh-My-Zsh تەڭشەك ھۆججىتى zshrc.
گە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارىمىز.
vim ~/.zshrc
مەن بۇ يەردە agnoster ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىشنى مىسالغا ئالاي. zshrc.
ھۆججىتىدىكى ZSH_THEME قىممىتىنى ماس ئۇسلۇب نامىغا ئالماشتۇرساقلا كۇپايە. مەسىلەن :
ZSH_THEME="agnoster"
بۇ agnoster ئۇسلۇبى قاچىلانغاندىن كىيىنكى iTerm2 نىڭ ھالىتى.
ئەمدى قارىساق بۇيرۇق قۇرى قۇر ئالدىدا user@hostnamedeMacBook-Pro ئۇچۇرى كۆرۈنىۋالىدىكەن، بۇنى قانداق يوقىتىمىز. ئوخشاشلا zshrc.
گە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارىمىز.
DEFAULT_USER=$USER
ئەمدى يەنە قارىساق، ھەر قېتىم iTerm2 نى قوزغاتقاندا Last login: Tue Oct 22 08:15:56 on ttys000
غا ئوخشاش ئۇچۇر كۆرۈنىۋالىدىكەن، بۇنى قانداق يوقتىمىز. يىلتىز مۇندەرىجە ~
دە تۆۋەندىكى كودنى ئىجرا قىلىمىز.
touch .hushlogin
بۇ ۋاقىتتا iTerm2 نى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن ... Last login قاتارلىق ئۇچۇرلار كۆرۈنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن iTerm2 پاكىز چىرايلىق ھالەتكە كەلدى. مەلۇم بىر git تۈرى مۇندەرىجىسىگە كىرسەك تۆۋەندىكىدەك قاتلاملىق، رەڭلىك كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئاخىرى يەنە بار.
zsh-syntax-highlighting بولسا تېرمىنالدا كود يورۇتۇش قىستۇرمىسى. بۇ قىستۇرما ئارقىلىق تېرمىنالدىمۇ IDE دا كود يازغانغا ئوخشاش رەڭ قاتلاملىرى تېخىمۇ روشەن بولغان كود يېزىش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.
git clone https://github.com/zsh-users/zsh-syntax-highlighting.git ${ZSH_CUSTOM:-~/.oh-my-zsh/custom}/plugins/zsh-syntax-highlighting
يۇقارقى بۇيرۇق ئارقىلىق قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش ۋە Oh-My-Zsh قىستۇرما مۇندەرىجىسىگە يۆتكەش مەشخۇلاتى تاماملىنىدۇ.
plugins=(
git
zsh-autosuggestions
zsh-syntax-highlighting
)
يەنە zshrc.
گە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق zsh-syntax-highlighting قىستۇرمىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.
بۇ يەردە يېڭى قىستۇرما نامىنى plugins تەڭشىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىغا قوشۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئۆزگەرتىشلەرنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن source ~/.zshrc
بۇيرۇقى ئارقىلىق zshrc.
تەڭشەكلىرىنى ھەقىيقى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.
شۇنىڭ بىلەن كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق، كود ئەسكەرتىش ۋە كود يورۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كۈچلۈك iTerm2 تېرمىنال مۇھىتى ھازىرلاپ بولدۇق. ئەلۋەتتە، iTerm2 غا ئائىت قوللىنىشچان ھۆنەرلەر بۇلارلا ئەمەس.
iTerm2 تېرمىنالى پاكىز بولىشىغۇ پاكىز بولدى، ھەر قېتىم iTerm2 نى قوزغاتقاندا قاپقارا مەشخۇلات يۈزى سەل ئاددىي بولۇپ قالامدۇ قانداق؟ بىرەر ھۆنەر ئىشلىتىپ خاككېرلارنىڭ تېرمىنالىدەك ئاقسالىق قىلىشقا بولامدۇ-يوق؟ بولىدۇ.
مەسىلەن مەن learnfans تور نامىغا لايىق تۆۋەندىكىدەك تېرمىنال قوزغىلىش يۈزى تەڭشىۋالدىم، ئاز-تولا ئاقسا ھە.
echo " "
echo -e "${spaces}\033[37;44;5m Learnfans Terminal \033[0m"
echo " "
_COLUMNS=$(tput cols)
_MESSAGE="Stacks: iTerm2 + oh my zsh + agnoster + Solarized Dark"
y=$(( ( $_COLUMNS - ${#_MESSAGE} ) / 2 ))
spaces=$(printf "%-${y}s" " ")
echo -e "${spaces}${_MESSAGE}"
_COLUMNS=$(tput cols)
_MESSAGE="Plugins: zsh-syntax-highlighting + zsh-autosuggestions + git"
y=$(( ( $_COLUMNS - ${#_MESSAGE} ) / 2 ))
spaces=$(printf "%-${y}s" " ")
echo -e "${spaces}${_MESSAGE}"
_COLUMNS=$(tput cols)
_MESSAGE="More on please visit https://learnfans.com"
y=$(( ( $_COLUMNS - ${#_MESSAGE} ) / 2 ))
spaces=$(printf "%-${y}s" " ")
echo -e "${spaces}${_MESSAGE}"
echo " "
بۇ كودنى ئۆزىڭىزنىڭ zshrc.
تەڭشەك ھۆججىتىڭىزگە قوشۇپ، كۆرۈنىدىغان خەتلەر ۋە تەگلىك رەڭلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرىشىڭىز بويىچە تەڭشىۋالسىڭىز، سىزمۇ ئۆزىڭىزگە خاس ئاقسا تېرمىنالغا ئىگە بولالايسىز.